ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2018.12.19 15:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  قىشتىكى بېيجىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى پەلەمپەيدە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزىلىپ تۇراتتى. كانايچىلار مېھمانلارنى قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى چالدى، ئەلچىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يېتىپ كەلدى، ئۇلار پەلەمپەيدىن چىقىپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. «بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى» رەسىمى ئالدىدا، ئەلچىلەر تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتى تاپشۇردى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ يەتتە باش ئەلچى: ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىسكالىيار، سومالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالۋاللەي، سۇرىنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن جياخۈي، گىرۇزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گرەندىيە، بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋال، ماداغاسقارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رازافى ماندىنبىي، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەشۋەرزادە.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتى رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، سىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ۋە خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پائال تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەلچىلەر ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشى دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى پائال قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا داۋاملىق قاتنىشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ. بىز ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە دۆلەتلىرىمىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە پائال كۈچ چىقىرىمىز.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر