ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.12.19 15:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان مۇھىم پەيت، تېخىمۇ مۇھىمى، تارىخنى ئاچىدىغان مۇھىم تۈگۈن.

  12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يىغىن ئېچىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ نىشان- تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى خىتابنامىسى، يېڭى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  1978- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان مۇھىم كۈن. بۇ كۈنى، پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيەمىز تارىخىدا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى. 40 يىلدىن بۇيان، يېڭى مەزگىلنى باشلاشتىن يېڭى ئەسىرگە ھالقىپ كىرىشكىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى سىزىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان كۈرەش قەسىدىسىنى پۈتتى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىياپىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىشتىن مۇكەممەللىشىشكىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى! جۇڭگو خەلقى كىيىش- تويۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى! بۈگۈنكى كۈندە، تارىخ بىزگە يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى يۈكلىدى.

  يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، بىز «ئوندا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز كېرەك. 40 يىل بوران- چاپقۇندا بىللە بولۇش، 40 يىل تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئەڭ سەلتەنەتلىك خىسلىتىگە ئايلاندى. بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئوندا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش»نى قوللىنىپ پارتىيەنىڭ مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلىگەن كۈرەش مۇساپىسى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن دۇنيا مۆجىزىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئارزۇ روھىغا ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش روھىغا باي. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بەردىكى، ئۇلۇغ ئارزۇغا ساقلاپ تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، شوئار توۋلاپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئېلىشىش، ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كۈرمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن يەنە تاغ- داۋانلاردىن ئېشىش، دەريالارنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، بىز قىلچە مەغرۇرلانماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئازراقمۇ ئىككىلەنمەسلىكىمىز، گاڭگىراپ يۈرمەسلىكىمىز، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى چوقۇم بىرتۇتاش ئىگىلىشىمىز، دەۋر دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەقدىرلەنگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خادىملار دەل جان تىكىپ كۈرەش قىلغان سان- ساناقسىز كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى.

  يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تەك قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى قوللىنىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى. بۇ «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا سۈرەتلەپ بېرىلگەن يېڭى دەۋر ئۇلۇغ پىلانى ئالدىدا، باشتىن- ئاخىر ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى ساقلاپ، «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

  تارىخىي ئىلگىرىلەشنىڭ لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەش، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىنىدا تەرەققىي قىلىش كېرەك. تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى داۋاملىق چىڭ ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى دەۋردە جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتالايدۇ! دۇنيا باشقىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر