ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش

ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى ئونغا يەتتى

2018.12.15 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شيې خۈيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى 2018- يىللىق دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسى ھەم 8- تۈركۈمدىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى قۇرۇش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ تارباغاتاي دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى ۋە شىنجاڭ قاراماي دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن، شىنجاڭ بورتالا دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونىدىن جەمئىي ئونى بار بولغان.

  شىنجاڭ بورتالا دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى ئۈچ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئالقاتنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، ئالقات ئۆزگىچە كىچىك بازىرى بەرپا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئالقاتنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش، يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدىلەشكەن ئالقات كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى. «ساياھەت +» «ساغلاملىق+» قاتارلىق ئەندىزە ئارقىلىق، ئالقات خاس كەسپىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنغا كېڭىيىشى، ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان شىنجاڭ قاراماي يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى 2015- يىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. ھازىر باغچە رايونىغا 50 كارخانا ماكانلاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىدىن بەشى بار بولۇپ، قاراماي لۈچېڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جياشۈەن ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي روۋليەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن ئۈچى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى يېزا- بازار كارخانىسىدىن بىرى، قاراماي شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىدىن ئىككىسى قوللاپ يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، پەن- تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى خادىملىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى خادىملىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. ئوخشاشلا 2015- يىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى قاتارىغا كىرگەن شىنجاڭ تارباغاتاي يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونى پەن- تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېتىشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش، تېخنىكا سودىسى قاتارلىق ئىقتىدار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئەقلىي سودا- ئەشيا ئوبوروتى كەسپى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ھازىر زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئاشلىق تېرىقچىلىقى، ئۆلچەملەشكەن يېشىل چارۋىچىلىق، خاس باغۋەنچىلىك، شەھەر- يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق بەش چوڭ ئۈلگە رايونىنى قۇرغان.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونىدىن 24 ى بار بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 40 ناھىيە، شەھەرنى قاپلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى يېزا پەن- تېخنىكىسى ۋە شەھەر- يېزا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى يۈ يىڭرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا خاس كەسىپلەرنىڭ پەن- تېخنىكىغا تايىنىش ئەۋزەللىكى تەدرىجىي نامايان بولدى. كېيىنكى قەدەمدە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى باغچە رايونلىرىنى قوللاش سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقايسى باغچە رايونلىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەمدە شەھەر- يېزىلارنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تىرىشىپ باغچە رايونلىرى ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان