ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا خەت ئەۋەتىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.12.11 16:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى. 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت بولۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشنى كۈرەش نىشانى قىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەۋر تەرەققىي قىلماقتا، كىشىلىك ھوقۇق ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، مۇھىت ھوقۇقىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بېيىتىش، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شياڭبا پىڭسو، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى خۇاڭ مېڭفۇ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار قاتارلىق 150كە يېقىن كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر