ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2018.12.11 16:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر بەي جيې). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 10- كۈنى خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، جۇڭگو- گېرمانىيە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- گېرمانىيە ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق بولغان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە نۇرغۇن مەسىلىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ تۆۋەندىكى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  جۇڭگو- گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش ئاساس. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن- ئاخىر جۇڭگو- گېرمانىيە ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر ساھەلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئارزۇسى بولۇپ كەلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو- گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدېئولوگىيەدىكى پەرقتىن ھالقىپ، بىر- بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مول، كۆپ خىل سۆزلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو- گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشتا، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، گېرمانىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشىدە ئايىغىنى چاققان قىلىپ ئۈزۈپ چىقتى. بىز گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېرمانىيەنىڭمۇ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشىنى، ئېچىۋېتىشنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ ۋە گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئاكتىپ ئىزدىنىپ، ياۋروپا- ئاسىيانىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ بازىرىنى ئورتاق زورايتىشنى خالايدۇ. بىز گېرمانىيە تەرەپ ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىبارەت بۇ سودا چوڭ يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايمىز.

  ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىزچىل، داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار، تەنتەربىيە قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا تېخىمۇ كۆپ سۇپا بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو- ياۋروپا ئىككى تەرەپ خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداش، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ماسلىشىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئارقىلىق كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك ھەم شۇنداق قىلالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق بۇنىڭ ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ستەيىنمەيئېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە زۇڭتۇڭى سالاھىيىتىم بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ جاي- جايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەچچە يۈز مىليون جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ھەم كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم، بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا يەنە باردىم، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ قايتا قۇرۇشتىن كېيىنكى قىياپىتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن. گېرمانىيە تەرەپ گېرمانىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپنى كىچىكلىتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. گېرمانىيە ھەرقانداق شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەپ، ياۋروپا- ئاسىيا رايونىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا ستەيىنمەيئېر ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، دىڭ جۇڭلى، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر