ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.12.11 16:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتى ۋە قاتناش- تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قاتناش- تىرانسپورتنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە تۇتقا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىز ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، بازارنى قوزغىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، سىستېمىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق ماللارنى «تاشيولدا توشۇشتىن تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تاشيول تىرانسپورت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. «قاتناش+ساياھەت» ئىككى خىل بايلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «قاتناش+ساياھەت» يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تولۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئاپتونوم رايونىمىز «قاتناش +ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات سىياسىتى ۋە يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، «قاتناش+ساياھەت» مەھسۇلاتىنى يارىتىش، قاتناش ئەسلىھە مۇلازىمىتى ساياھەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتناش- تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر