ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى

2018.12.09 17:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن، جى جېڭ، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، نەتىجە- ئۈنۈمنى باش نىشان ئارقىلىق سىناشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە جەزمەن قاتتىق بولۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىدە تولۇق قاپلاشنى، باشقۇرغۇچىسىز رايون قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان تىپىك، ئومۇملۇققا ئىگە، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى دۇرۇس، پاك بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش، سىياسەت بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق پىلانلاش، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىشخانىلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتلىرى قارار قىلغان ئىشلار، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ۋەزىپە- تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر