ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇردى

مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بار، كارخانىدا ئۇستاز بار

2018.12.09 17:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋۇ بوشى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دەرس كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان، بىز ئالدى بىلەن مەكتەپتە ئالاقىدار نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىمىز، ئاندىن كارخانىلارغا بېرىپ ئەمەلىي مەشىق مەشغۇلاتى قىلىپ، نەزەرىيەۋى بىلىمىمىزنى ۋاقتىدا ماھارەتكە ئايلاندۇرالايمىز، نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئازادە، قىزىقارلىق بولۇپ، ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرغانلىقى گېپىدىن چىقىپ تۇراتتى.

  زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا- ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  2017- يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى 2- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ۋۇ بوشى ئوقۇۋاتقان چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق كەسپى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل 4- ئايدا، تاللاش ئارقىلىق ۋۇ بوشى ۋە باشقا 20 ئوقۇغۇچى بىرلىكتە شىنجاڭ تەيكۈن گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قەدەم قويدى. «ئۇرۇقلۇق تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىش، چۈجىلەرنى توشۇش، چۈجىلەرنى پەرۋىش قىلىشتىن تۇخۇم توخۇلىرىنى بېقىشقىچە، ئۇستازىم بىر يۈرۈش تېخنىكىنى ماڭا تولۇق ئۆگەتتى». بەش ئايلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا ۋۇ بوشى توخۇ بېقىش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بار، كارخانىدا ئۇستاز بار، زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنىڭ يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  2015- يىلى، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق 20 نەچچە كەسپىي مەكتەپتە نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، چوڭ كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە «ئېھتىياجغا ئاساسەن كەسىپ تەسىس قىلىش، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش»تەك ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تۇنجى ئوقۇش يىلىدا نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئاساس قىلدى؛ ئىككىنچى ئوقۇش يىلىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن كارخانىدا پىراكتىكا قىلىش ۋاقتى تەڭ بۆلۈندى؛ ئۈچىنچى ئوقۇش يىلىدا كارخانىدا پىراكتىكا قىلىش ۋە جەمئىيەتتە باشتىن كەچۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ بالدۇر ماسلىشالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، بۇ، بىر قېتىملىق داۋاملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، كەسپىي مائارىپنىڭ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشچى قوبۇل قىلغانغا، مەكتەپكە كىرىش كارخانىغا كىرگەنگە، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشقانغا باراۋەر بولۇش»تەك رولى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش ئاكتىپلىقىنى كۈچەپ قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى، زاكاز قىلىش شەكلى، كارخانىلارنى مەكتەپلەرگە كىرىشكە جەلپ قىلىش، كارخانىلارغا كىرىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاكتىپ ھالدا كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنى چوڭقۇر يۇغۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر