ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

2018.12.09 17:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرىنى قوغداش، تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا(كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق دەريا(كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ، سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرئاستى سۈيى ئىشلىتىشنى چەكلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش ۋە ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى تاقاش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  سەيۋوپۇ كۆلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى، كۆل سۈيىنىڭ كۆلىمى ئىلگىرى ئەڭ چوڭ بولغاندا 35 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە كۆل رايونىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دېھقانچىلىقتا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئېشىشى، سەيۋوپۇ كۆلىگە تولۇقلىنىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ تېزدىن ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كۆل يۈزى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، 2014- يىلى 0.2 كىۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان. 2014- يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق سەيۋوپۇ كۆلىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقىت ۋە بوشلۇق ياراتتى. بۇ يىل 12- ئايغىچە، سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ كۆل سۈيى كۆلىمى 15.2 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەيۋوپۇ كۆلى ئۈرۈمچىنىڭ «بۆرىكى» دەپ ئاتالغان، ئۇ، ئۈرۈمچىنىڭ كىلىماتىنى تەڭشەش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ قېلىش، كەلكۈن سۈيىنى ساقلاپ قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىدە تۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دەريانى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولۇش، دەريانى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، دەريانى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ قىزىل سىزىق»نى قاتتىق ساقلاپ، سۇ تېجەش سالمىقى ۋە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، يەردىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دەريا، كۆللەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ساغلام ھاياتىي كۈچىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تويغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر