ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2018.12.01 15:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

        خەن جېڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ 40يىللىقى بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆزقىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى- دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى بىلەن تەڭ يولغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 40 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش غايەت زور ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى يەنىلا ئاجىز. ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان- ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدا قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان، سۇ- تۇپراقنى ساقلايدىغان، دېھقانچىلىقنى قوغداپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە تىكلەندى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە سۇ بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئويلىشىپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش ھەم ئۇنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىشنى كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى بويىچە خۇلاسىلەش- تەقدىرلەش يىغىنى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 40 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بەرپا قىلىنغان ئېكولوگىيە توسۇقى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە تىكلەپ بەردى، يارىتىلغان ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، توپلانغان ئەمەلىي تەجرىبىلەر تاغ- دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارنى سىستېمىلىق تۈزەشنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، يارىتىلغان قىممەتلىك روھ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى يەنىلا ئاجىز، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈپ، قوغداش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش- خەلقنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «ئۈچ شىمال روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخس ۋە «يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالى»غا ئېرىشكۈچىلەر تەقدىرلەندى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يوۋيۈ ناھىيەسى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چيەنشى ناھىيەسى شىفېڭكۇ بەنلى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى، ئۈچ شىمال رايونىدىكى 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، قۇرۇلۇش رايونلىرىدىكى نۇقتىلىق شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ۋە تەقدىرلەنگۈچىلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى