ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى

«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ يەشمىسى (6)

2018.11.23 14:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  □ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جوۋ لى

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش شەرت. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنىڭ كاپالىتىدە، دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

  ئاق تاشلىق كىتاب خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى كۈنسېرى قاندۇرغانلىقىنى ئوبيېكتىپ نامايان قىلىپ بەردى.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى. بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. 1955- يىلى شىنجاڭدا ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن بىرى، تەنتەربىيە مەيدانىدىن 425 ى بار ئىدى. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارايلىرى، كۇتۇپخانىلارنى رېمونت قىلىش- يېڭىلاش قۇرۇلۇشى»، «مەدەنىيەت ئۇچۇرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قۇرۇلۇشى»، «يېزا- بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتلىرى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا ئاممىۋى كۇتۇپخانا 112 گە، مۇزېي ۋە خاتىرە سارىيى 173 كە، گۈزەل سەنئەت سارىيى 57 گە، مەدەنىيەت سارىيى 119 غا، مەدەنىيەت پونكىتى ۋە مەدەنىيەت ئۆيى 12 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(ئۇزېلى)لىرى 302 گە يېتىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %97.1 ۋە %97.4 كە يېتىپ، تەنتەربىيە مەيدانى 29 مىڭ 600 گە يېتىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى شەكىللەندى. يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ شەھەر- يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، يېزا- بازار (كوچا) مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. رادىيو- تېلېۋىزىيە ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى. يېزىلاردا كىنو قويۇش ھەممە مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. مالىيە مەبلىغى ھەر يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنلىرىنىڭ نامرات يېزا- كەنتلەردە قويۇلۇشىنى قوللىدى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى مەمۇرىي كەنتلەرنى تولۇق قاپلىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 13 نۆۋەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەككىز نۆۋەت، ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەش نۆۋەت، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. كەنت دەرىجىلىك «دېھقان- چارۋىچىلار تەنتەربىيە- چېنىقىش قۇرۇلۇشى»نىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشتى. يېڭى، تۈرلۈك چېنىقىش سايمانلىرى چەت يېزا- كەنتلەردە ئومۇملاشتى، مول، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرى داۋاملىق گۈللەندى. شىنجاڭدا ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى جانلىق نامايان قىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە رومانتىكىلىق ھېسسىيات بىلەن چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ئىنتىلگۈچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئالىيجاناب قىممەت، گۈزەل ھېسسىياتنى ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈپ، رومان «تىيانشان باغرىدىكى <ئەسكەر>»، شېئىرلار توپلىمى «سىرلىق تاغ»، نەسرلەر توپلىمى «شىنجاڭدا»، «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك»، ئەدەبىيات ئوبزورلىرى توپلىمى «غەربىي قىسىم: چەت- ياقا ئۆلكىلەرنىڭ ئەدەبىيات يېزىقچىلىقى»، ماي بوياق ئەسىرى «ئېگىزلىكتىن يوللانغان تىلەك ــــ 5.19 دۆلەت خاتىرىسى»، فوتو سۈرەت ئەسىرى «جۇدۇنلۇق ھايات»، دىراما «چوڭ بازار»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل»، «باياۋاندىكى ياشلىق باھار»، ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «تىيانشانغا مۇھەببەت»، مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرى «ياخشىمۇ سىز، ئەپەندى»، ناخشا «بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاتا- ئانىلار»، رادىيو تىياتىرى «مالەن قوشىقى» ۋە كىنو «ئەزىم دەريا»، «گۈل»، «چىن مۇھەببەت»، «ھايات- ماماتلىق لوپنۇر»، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، جۇڭگو كىنو خۇابياۋ مۇكاپاتى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا، سېرك «ھاياتلىق سەپىرى»، «قاڭقىما تورنىك ــــ مەسئۇلىيەت» قاتارلىقلار خەلقئارا سېرك بايرىمى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2006- يىلى شىنجاڭ رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلدى، ئارقىدىن 11 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە غۇلجا شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىدە تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈمى قۇرۇلدى. نۆۋەتتە، يىلىغا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا 6200 قىسىم ئەتراپىدا كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا ئىككى خىللا گېزىت بار ئىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا بار گېزىت 126 خىلغا، ژۇرنال 223 خىلغا يەتتى، ھەر يىلى نەشر قىلىنغان كىتاب، ئۈن- سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى تەخمىنەن 10 مىڭ خىلغا يەتتى.

  مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت مۇھىتىنى تىرىشىپ ئەلالاشتۇردى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلمۇ يىل ئاشتى. 2015- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقاتتى؛ 2016- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت نازارىتى تۈزگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانى(2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى تارقاتتى؛ 2017- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ 13- بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ۋە مۇھىم، زور تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. 2011- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، مەركەز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 114 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يۆلەش يۈزىسىدىن مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 43 مىليون 650 مىڭ يۈەن ئاجراتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاخبارات- نەشرىيات، تارقىتىش، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە، ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن، مەدەنىيەت ساياھىتى، ھۈنەر- سەنئەت، سەنئەت بۇيۇمى، كارتون، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئىجادىي لايىھەلەش، رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسى شەكىللەندى. مەدەنىيەت كارخانىسىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇقى بار. دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئالتىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 109 ى، دۆلەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن كارتون كارخانىسىدىن 11 ى بار، تۈرلۈك مەدەنىيەت كەسپى باغچە رايونىدىن 20 سى قۇرۇلدى. يىشىن يۆدۇ مەدەنىيەت پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جاۋرى ئوقەتچىلىك(گۇرۇھ) تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى لىنسېن زاۋچېن داڭلىق ماركىلارنى لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق غوللۇق مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى گۇمانىتارلىق جۇغراپىيە ھۆججەتلىك فىلىمى «شىنجاڭچە تەم»، چوڭ تىپتىكى ئۆي ئىچى نەق مەيدان مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇل «غەربىي يۇرتقا قايتىش»، تيەنرۈن سۈتچىلىكىنىڭ داڭلىق مەھسۇلات ئوبراز لايىھەسى قاتارلىق مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلىرىدە «قۇملۇق بىلەن بوستانلىق تۇتىشىپ كەتكەن، دەريا- ئېقىنلار تاغ تىزمىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن، قان- قېرىنداشلىق ئارزۇلارنى تۇتاشتۇرغان، ھاياتلىق ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان» گۈزەل شىنجاڭ ئوبرازى نامايان قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

  2017- يىلى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانى» ئىلگىرى- كېيىن ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى پىلانلاندى. 2018- يىلى 8- ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادىدا كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 12 سى، ساياھەت يېتەكچىسىدىن 17 مىڭى بار. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ داۋاملىق قويۇپ بېرىلىشى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىدەك كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، 2018- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن جەمئىي 132 مىليون ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى.

  1999- يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ۋاسكېتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى. شۇ ئاساستا، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى، شىنجاڭ قارلىق چوققا ئاياللار پۇتبول كەسپى كۇلۇبى قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسپىي تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش بازىرى كۈنسېرى جانلاندى. تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت دالا راللى مۇسابىقىسى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى بىر قەدەر يۇقىرى بازارلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلدى. تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچىدىكى تىجارىتى ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن، داڭلىق ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، بازاردىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان دالا مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىشىك بېلىتى كىرىمى، ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى سېتىش، مۇسابىقە مەيدانى ئېلانى، مەستانىلەر ئىقتىسادى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا دالىدا قونۇش يىغىلىشى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا قۇملۇق دالا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تەنتەربىيە ئىستىراھەت بازىرى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. ئات بەيگىسى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.

  جۇڭخۇا تېببىي دورىگەرلىك سىستېمىسىدا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش مەھسۇلات قىممىتىنىڭ دورا كەسپىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلسېرى ئاشتى؛ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچى بازىرىدا ئۈزلۈكسىز بازار تېپىش بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا سېتىلىپ، خەلقئارا بازارغا كىردى.

  تور مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى بارغانسېرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلاندى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تور بېكەت 11 مىڭ 500 گە، مۇقىم كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىسى 5 مىليون 699 مىڭغا، كۆچمە ئالاقە تورى ئابۇنىچىسى 18 مىليون 558 مىڭغا يەتتى. ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە نەچچە ئون دۆلەت، رايونغا تارقالدى. جۇڭگونىڭ ياخشى تور ئەھلى بولۇش، ئەتلەس تورى يېتەكچىلىكى، تور رىشتىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يولغا قويۇلۇپ، «تور جۇڭگو بايرىمى»، «مەن ئانارنىڭ دانىسى»، «ئەتلەسنىڭ تىيانشاندىن چىقىشى» قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 7000 دىن ئارتۇق تۈرلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2017- يىلى، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ توردىن پارچە سېتىۋېلىش سوممىسى 56 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %29.8 ئاشتى. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان تور مەدەنىيىتى ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى