ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىش، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2018.11.20 16:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن سىجىل، ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شەھەر خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە شەھەر روھى يارىتىپ، ئۆزگىچە شەھەر سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭىچە ئىشچى- دېھقان، شەھەر- يېزا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنى ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە موتورىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، «قاتتىق» ۋە «ئەمەلىي» بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر خىزمىتى سەۋىيەسى ۋە قانۇن بويىچە شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان، ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر