ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شەھەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.11.20 16:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى نېمە ئۈچۈن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى قانداق گۈللەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تونۇش مەسىلىلىرى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ شەھەر خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شەھەر تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر خىزمىتى بويىچە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش جەھەتتە چارە كۆرسىتىپ، شەھەر تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ شەھەر خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، شەھەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كوللېكتىپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش، ئىبرەت تەربىيەسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «نىزام»نىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، «نىزام»نى ئىچكى جەھەتتە قەلبىگە سىڭدۈرۈشى، تاشقى جەھەتتە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر