ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى» ئېلان قىلىندى

2018.11.16 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەسلى مائارىپى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنىڭ باشلانمىسى، خەلق مائارىپى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مۇھىم ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ئىشى. يەسلى مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇش، بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، مىليونلىغان بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، بايلىق مەنبەسى تېز كېڭىيىپ، ئومۇملىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ئاساس ئاجىز، قەرز كۆپ بولغاچقا، ھازىر يەسلى مائارىپى يەنىلا پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا. «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش»، «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» يەنىلا پۇقرالارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشنىڭ بىرى بولماقتا. يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە يەسلى مائارىپىنى ھەقىقىي ياخشى يولغا قويۇش، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەسلىلەرنىڭ قاپلاش نىسبىتى(دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ نىسبىتى)نى %80 كە يەتكۈزۈش كېرەك.

  2020- يىلىغا بارغاندا، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس يەسلى مائارىپى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنى 200 مىڭ كىشىدىن ئاشۇرۇش؛ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تەربىيەلەش دەرسلىك ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ، 1 مىليون 500 مىڭغا يېقىن يەسلى باشلىقى، ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە يەسلى مائارىپى كەسپى سۈپىتىنى دەلىللەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە بالىلارنى ئىلمىي بېقىش- تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، كەسىپنىڭ جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  2035- يىلىغا بارغاندا، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەل بولغان يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، يەسلى ئېچىش تۈزۈلمىسى ۋە سىياسەت كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بالىلارنى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تېخىمۇ سۈپەتلىك يەسلى مائارىپى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  پىكىردە يەنە ئومۇمىي تەلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن يەسلى ئېچىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يولنى كېڭەيتىپ، بايلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى زورايتىش، خىراجەت سېلىنمىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇقراۋى يەسلى قۇرۇش تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يەسلىلەرنىڭ بالىلارنى بېقىش- تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر