ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

2018- يىلى 11- ئاي

2018.11.16 15:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    مۇندەرىجە

  كىرىش سۆز

  بىرىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى
  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى
  شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن
  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان

  ئىككىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى كەڭ قوللىنىلدى
  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى
  مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى ئىلمىي قوغدالدى
  مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىلدى

  ئۈچىنچى، دىنىي مەدەنىيەت ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى
  كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى
  دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللار قانۇن بويىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
  دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى
  دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى

  تۆتىنچى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىسى مول بولدى
  ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتتى
  قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلدى
  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى
  مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى

  بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى
  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى
  ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرى داۋاملىق گۈللەندى
  مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئاشتى
  تور مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

  ئالتىنچى، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى جانلاندى
  كۆپ خىل شەكىلدە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا قاتناشتى
  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سالاپىتى سىرتقا پائال نامايان قىلىندى

  خاتىمە

  كىرىش سۆز

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا ئېلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخنى، شانلىق مەدەنىيەتنى بىرلىكتە ياراتتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت كۆچۈپ، ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن جاي، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان سەھنە. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ ھەم مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  بىرىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇھىتنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشتى.

  چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا، شىنجاڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭدىن تېپىلغان رەڭلىك ساپال بۇيۇملار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، خېنەن ئەنياڭدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ فۇخاۋ قەبرىسىگە شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان نۇرغۇن بۇيۇم ھەمدەپنە قىلىنغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە- مۇراسىم تۈزۈمى، خەنزۇچە كىتابلىرى، مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. غەربىي يۇرتنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە مۇزىكىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇزىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى، قازاقلارنىڭ ئايتىس سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بار.

  شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىش، قوبۇل قىلىشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بوستانلىق تېرىقچىلىقى بىلەن يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان قوۋملارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا تولۇقلىشى، كۆچۈشى، قوشۇلۇشى كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى ياراتقان.

  شىنجاڭ رايونىدا ئارقا- ئارقىدىن تەخمىنەن 20 خىل تىل- يېزىق بايقالدى. بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدا خەنزۇ- زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى- ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىدىكى تىللار ھېلىھەم مەۋجۇت. تۇرمۇشتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەڭ قوللىنىش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان تىللارنى ئۆزئارا قوللىنىشى، ئىشلىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلارغا خەنزۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈبۈت، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلغان، قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تارىختا شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولغان. يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. يىپەك يولى گۈللەنگەن مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى، يىپەك توقۇمىچىلىقى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىرى شىنجاڭ ئارقىلىق غەربكە تارقىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭغا تارقىلىپ، شۇ چاغدىكى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن تەڭ يەرلىكتە تارقالغان. ئۇزاق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ئەھۋال ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەن. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىدە باشتىن- ئاخىر كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالمىشىشتەك مەنزىرە نامايان بولغان.

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مىللەتلەرنىڭ روھىنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى تۈگۈن. ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ رايونىنىڭ پىلە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە يىپەك توقۇمىچىلىقى كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن؛ ئەڭ دەسلەپتە شىمالىي چۆللۈك مەزگىلىدە شەكىللەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، شۇنداقلا بۇددا دىنى، مانى دىنى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىر تۈركۈم سىياسىيون، ئەدىب، سەنئەتكار، تارىخشۇناس، ئاگرونوم، تەرجىمانلار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى يېڭى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈلباغ»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق نادىر ناخشىلار ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالدى؛ «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىنولار پۈتۈن مەملىكەتتە تونۇلۇپ، ھەر مىللەت ئورتاق ياراتقان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى.

  شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، تىل، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، بىناكارلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئۆزئارا قوبۇل قىلدى، ئۆزئارا يۇغۇرۇلدى، بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى.

  ئىككىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى كەڭ قوللىنىلدى

  تىل- يېزىق مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە روشەن بەلگىسى. شىنجاڭ كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق رايون، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخىي تەجرىبە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللەت تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، قەلب رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. 1982- يىلى «دۆلەت مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ» دېگەن مەزمۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا كىرگۈزۈلدى. 2001- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇچە خەتنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدىكى قانۇنىي ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2015- يىلى تۈزىتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»دا «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساس مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تىل- يېزىق بولىدۇ»، «مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ياكى شۇ يەردىكى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىۋاتقان تىل- يېزىقنى قوللىنىپ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. 2015- يىلى تۈزىتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى»دا «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەم ئالاقىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى ۋە قوللاندى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى دەرسى تەسىس قىلدى. 1984- يىلى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىغا شۇ مىللەتنىڭ تىل- يېزىقى قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان قوش تىل مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى. 2013- يىلى «دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى» يولغا قويۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى مەركەزلەشكەن ناھىيە (شەھەر)لەردە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەندى. 2017- يىلى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش جېڭى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى.

  مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى ئىلمىي قوغدالدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»دا، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش، راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى بار، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئون خىل تىل ۋە يېزىقنى قوللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلغان مۇھىم يىغىنلاردا ماتېرىياللار ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا تەمىنلىنىۋاتىدۇ، ئەگەشمە تەرجىمە يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى شۇ دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك ئورگانلار ۋەزىپە ئادا قىلغاندا، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى، رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىۋاتىدۇ. ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى شۇ مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىدىن پايدىلىنىپ سايلىنىش ياكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دەرس تەسىس قىلغاندا ۋە ھەر خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل يېزىقتىكى ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ مول تىل بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2015- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەنزۇچە يەرلىك شېۋىلەر، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە ئېغىز تىل مەدەنىيىتىگە دائىر ئەمەلىي تىل ماتېرىيالىنى توپلىدى ۋە خاتىرىلىدى. بۇ قۇرۇلۇش نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تىل بايلىقىنى قوغداش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى بويىچە 30 نەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىسى، خەنزۇچە شېۋىلەر بويىچە ئون تەكشۈرۈش نۇقتىسى، يوقىلىش ئالدىدىكى تىل بويىچە ئالتە تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە تىل مەدەنىيىتى بويىچە ئىككى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا دالا تەكشۈرۈشى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا پىلانلانغان تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى %80 تىن ئارتۇق ئورۇندالدى ھەمدە بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم نەتىجىلەر شەكىللەندى.

  كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق ئاخبارات- نەشرىيات ۋە رادىيو- تېلېۋىزىيە شىنجاڭنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدا گېزىت، كىتاب، ئۈن- سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل- يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىدۇ. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل تىلدا رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ.

  ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرىنى ئۇچۇرلىشىش دەۋرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق كودى، ھەرپ- بەلگە توپلىمى، كۇنۇپكا تاختىسى، ھەرپ شەكلىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتتى، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كۆپ خىل بەت ياساش سىستېمىسى، ئەقلىي تاۋۇشلۇق تەرجىمە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى تور- بېكەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنى جەمئىيەتتە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. شىنجاڭ مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر تىل- يېزىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، مىللەتلەر تىل- يېزىقىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەردى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەردىن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى خەنزۇ ئاھالىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشىگىمۇ ئىلھام بەردى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ئۇلارغا ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. شىنجاڭ خەنزۇ كادىرلار ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىدىغان مەخسۇس كۇرس ئاچتى، 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل- ئەدەبىياتى(ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىنى يۆنىلىش قىلغان) كەسپىنى تەسىس قىلدى، بۇ كەسىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى، قوش تىلنى، كۆپ تىلنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۈچىنچى، دىنىي مەدەنىيەت ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ موللۇقى ۋە كۆپ خىللىقى جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، دىنىي مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ.

  كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تارقالغان مۇھىم رايون، دىنىي مەدەنىيەت جۇغلانغان جاي. شىنجاڭدا ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى تارقالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن باشلاپ، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ سىرتتىن ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەندى. كېيىن تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلار سىرتتىن ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىردى. كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە ئۆزگىرىپ تۇردى، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى. كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت ئۇزاق مۇددەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇردى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش جەريانىدا تەڭشەلدى، ئۆزگەردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىقلار بار. شامان دىنى بىلەن زوروئاستېر دىنىنىڭ ئامىللىرى ھېلىغىچە ساقلانماقتا ھەمدە تۇرمۇش ئادىتى شەكلىدە ئىپادىلەنمەكتە. بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، قەشقەر، قومۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ھېلىھەم بۇت تەكچىلىرى، نېلۇپەر گۈل نۇسخىلىرى، نېلۇپەر بۇت سۇپىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】  كېيىنكى بەت