ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور خې پىڭ

2018.11.16 14:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون، ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي. جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن قويۇق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن.

  بىرىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە جۇڭخۇا نەزەرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جۇڭخۇا مىللىتى- جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ چوڭ ئائىلىسى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپىيىش- يېتىلىش، پارچىلىنىش، قوشۇلۇش ئارقىلىق، جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، بىرى گۈللەنسە ھەممىسى تەڭ گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى تەڭ زىيانغا ئۇچرايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى.

  كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىز تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ياراتتى ھەم بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت- جۇڭگونىڭ شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدەك شانلىق تارىخنى ئورتاق ياراتتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلەشكەن، ئالماشتۇرغان، ئارىلاشقان تارىخىي جەريان، نۇرغۇن تارقاق مىللەتلەر ئۇچرىشىش، كۈرەش قىلىش، ئارىلىشىپ كېتىش، ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوشۇلۇپ كېتىش، پارچىلىنىش ۋە يوقىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر كۆپ مىللەت ئالاقىلىشىش، يوقىلىش ۋە كۆپىيىش ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھەم خاسلىققا ئىگە، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە بىرلىككە كەلگەن گەۋدە. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورتاق بەرپا قىلغۇچىلاردۇر.

  شىنجاڭ رايونى بىلەن ئىچكىرى جايلاردىكى مىللەتلەر ئۇزاق مۇددەت ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ رايونى بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنى بەرپا قىلىش تارىخىي جەريانىغا سىڭىشىپ كەتكەن. تارىختا، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيەسىنىڭ شەرققە مايىللىقى، تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربكە يۈزلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر مەركەزنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىچكىرى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ئۆزئارا ئالماشقان، قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان، تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشتە چوقۇم جۇڭخۇا نەزەرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. پەقەت جۇڭخۇا ئومۇمىي گەۋدىسى قارىشىدەك ماكرولۇق نەزەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تونۇغاندىلا ۋە ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىزى ۋە قانۇنىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئاندىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن، ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، ئورتاق گۈللەندۈرگەن ماكان. ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ- چىققان ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، مەدەنىيەت قارىشى ھەم ئىجتىمائىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىنى ئاچقۇچىلار، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىگىلىرى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر باشتىن- ئاخىر جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، قانداشلىق جەھەتتە سىڭىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە تېخىمۇ سىغدۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتى. مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى.

  ئىككىنچى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولۇپ كەلدى

  نەچچە مىڭ يىللىق ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا، ھەر مىللەت خەلقى زىددىيەتلىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا، مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا تايىنىدىغان، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى، چوڭ يۇغۇرۇلۇشى ئاخىرىدا شىنجاڭدىكى ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى كۆپ مىللەتنىڭ كۆچۈش، يۆتكىلىش ۋە يۇغۇرۇلۇش تارىخى. شىنجاڭ ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تارىختا شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتنىشىدىكى مۇھىم يول، قەدىمكى دەۋردە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، شەرقتىن كەلگەن، غەربكە ماڭغان نۇرغۇن مىللەت بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىزىنى قالدۇرغان. تارىختا، شەرقتىن، شىمالدىكى يايلاقتىن ۋە چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن كەلگەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شىمالدىكى يايلاقتىكى مىللەتلەر ئۈزلۈكسىز شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي يۇغۇرۇلۇشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلمىغان. شىنجاڭ رايونىدا ئىلگىرى 30 نەچچە قەدىمكى مىللەت پائالىيەت ئېلىپ بارغان، كۆپ قىسمى شىنجاڭدا ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. يېقىنقى، ھازىرقى زاماندا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە، تەبىئىيلا ئۆزئارا ئارىلىشىپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى.

  ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش، ۋەتەن زېمىنىدا ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇيخېلار بولۇپ، موڭغۇل ئېگىزلىكىدە پائالىيەت قىلغان. 744- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقالى كۆل بىلگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلغان. 788- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانى تاڭ سۇلالىسىگە مەلۇمات يوللاپ، نامىنى خۇيخۇغا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. 840- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارقىلىپ كۆچۈشكە باشلىغان. بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچۈپ، خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى مۇنداق ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ھازىرقى جىمىسار رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ بىر تارمىقى خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يۈگۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تارمىقى پامىرنىڭ غەربىگە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرقى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارغا تارقىلىپ، قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنزۇلار، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار، كۈسەنلىكلەر، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلۇش ئاساسىدا، ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن، شىنجاڭ رايونىغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كىرگەن قىتانلار، موڭغۇللارمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا يۇغۇرۇلۇپ، ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىپ راۋاجلىنىشىغا يېڭى قان تولۇقلىغان. ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالار بىلەن قان قېرىنداش، بار- يوقنى تەڭ كۆرىدىغان، باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىر رايوندا ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرك ئەمەس، ئىككىسى قۇل قىلىنىش ۋە قۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولغان. تۈركلەرنىڭ ئېزىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شەرقىي تۈرك خانلىقى، غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئاخىرىدا تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە ماسلىشىپ كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقىتىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلغان. تۈرك خانلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، قەدىمكى تۈركلەر دۆلىتىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان، تۈرك مىللىتى شۇ جايدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە يۇغۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن يېڭى مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، غەربكە كۆچكەن تۈركىي تىللىق بىر قەبىلە ئۇزاققىچە چۆرگىلەپ يۈرۈپ، كىچىك ئاسىياغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس.

  كېيىن، بەزىلەر تىل ئائىلىسى ۋە مىللەتتىن ئىبارەت ئىككى ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇمنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەر دېۋالدى، بۇ، ئۇقۇمنى يوشۇرۇنچە ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى. دۆلىتىمىزدە تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، يۈگۇ، سالار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۇلار ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى» ئەمەس. تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنى «تۈرك مىللىتى» دېيىش، تىلشۇناسلىقتىكى تۈرگە ئايرىش ئۇقۇمىنى مىللەتشۇناسلىقتىكى تۈرگە ئايرىش ئۇقۇمى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يالغان- ياۋىداق گەپ توقۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش، يۆتكىلىش ۋە يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە تەلۋىلەرچە يەتمەكچى بولدى، ئۇلارنىڭ غەرىزى ئىنتايىن قەبىھ.

  ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مەزگىللىك ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنىنى قەدىرلەش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بىرلىكتە توپلىغان مەنىۋى بايلىقى. يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچ بىزدىن تارىخنى دەرسلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن، تېخىمۇ يىراق تارىخىي تەرەققىيات ئۇزۇن ئېقىنىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مىراسلىرىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئىلگىرى ئىچكى قىسىمدىن كەلگەن سانسىزلىغان زىددىيەت ۋە توقۇنۇش، سىرتقى قىسىمدىن كەلگەن خىرىس ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئاپەتنى يېڭىپ، ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى جۇڭخۇا مىللەتلىرى گۈزەل يۇرت- ماكاننى ئورتاق ئېچىش ۋە قۇرۇش ئۇزاق مەزگىللىك كۈرىشى جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئېسىل ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى قەدىرلەش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. 1855- يىلى، تارباغاتايدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، چاررۇسىيەنىڭ تالان- تاراج قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن چاررۇسىيە سودا چەمبىرىكىنى كۆيدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. 1865- يىلى، ياقۇپبەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كەسكىن جەڭ قىلدى. 1875- يىلى، زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشى ۋە ئاكتىپ ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، ھەر خىل شەكىلدە پۈتكۈل مىللەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى. 1937- يىلى 9- ئايدىن 1940- يىلى 5- ئايغىچىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما جەمئىي 3 مىليون 220 مىڭ يۈەن (فابى)دىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. 1939- يىلى 8- ئايدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىئانە قىلىنغان پۇلغا ئون سوقۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشتۇردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەر بىلەن ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولغان، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئوخشاشلا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقان.

  ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇش دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى. ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇش دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مەنىۋى بايلىق بولۇپ، ئۇ تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ نىسبەتەن باراۋەر، ئوچۇق مىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ھىمايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىدىكى مەنىۋى رىشتە.

  1771- يىلى ۋولگا دەرياسى ھەۋزىسىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن موڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، شەرقتىكى ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ ئىلىغا يېتىپ كەلگەن. تۇرغۇت قەبىلىسى ئۇزاق مەزگىل چاررۇسىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان، دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشىنىڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىشى بىلەن پۈتۈن قوۋم بويىچە كۆچۈپ شەرققە قايتقان. تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ شەرققە قايتقانلىقىدەك ئۇلۇغ ئىش ھەر مىللەت خەلقنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن، جايلار بەس- بەستە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلغان، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، چارۋا، تېرە كىيىم قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، شەرققە قايتقان چارۋىچىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن. تۇرغۇتلارنىڭ شەرققە قايتىپ كېلىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇشچان روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى، مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي زۇلۇم، ئېكسپلاتاتسىيە تۈزۈمى بىكار قىلىندى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ھەر مىللەت خەلق قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشىپ، ئۆز- ئۆزىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا ماڭدى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شەكىللەندى. شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى مىللەتلەرگە شۇنى ئېنىق تونۇتتىكى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تايىنىشى، دوستانە بېرىش- كېلىش قىلىشى ئاساسىدا بەرپا قىلىنىشى شەرت، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى.

  ئالماشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئوچۇق، ئورتاق بەھرىلىنىش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر كەڭ قورساق، دېڭىزدەك كەڭ كۆڭۈلگە ئىگە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، زور دەرىجىدە سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق، ئىجادچان ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. دەل ئالماشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئوچۇق، ئورتاق بەھرىلىنىش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ئورتاق يارىتىلدى. تارىختا غەربىي يۇرتنىڭ ياڭاق، بېدە قاتارلىق نۇرغۇن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالدى، بۇددا دىنى، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق مەدەنىيەتلەرمۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارقىتىشى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، قەغەزچىلىك تېخنىكىسى، قائىدە- مۇراسىم، قانۇن- تۈزۈملىرىمۇ غەربىي يۇرتقا كىرىپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، يىپەك، فار فۇر، چاي قاتارلىق بۇيۇملارنى غەربكە ئېلىپ بېرىش سودىسى دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان جۇڭخۇا مىللىتى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتا، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا، ئالدى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تاشقى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مەزگىل ئورتاق كۈرەش قىلىش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن ئېسىل ئەنئەنىنى قەدىرلەپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگۈزۈشىگە تېخىمۇ موھتاج.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر