ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدە: «قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش»ى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى

2018.11.14 16:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: «كۈنشەن شەھىرىنىڭ خۇاڭنىشەن كەنتى كەنتىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ بەردى، مەن بۇ يەردە ئىشلەپ، ئايدا 2500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن». 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بەيساق كەنتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدا كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل ھەسەنجان كومپيۇتېردا كەنت ئاھالىسىنىڭ قۇرۇق مېۋە- چېۋە سېتىشىغا ياردەملىشىۋاتاتتى.

  بەيساق كەنتىدە رىزۋانگۈلگە ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 27 نامرات ئاھالە جياڭسۇنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشىدىن نەپ ئېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى.

  بەيساق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېزا (بازار)- كەنتلىرىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يېزا (بازار)- كەنتلىرىگە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىندۇر. 2017- يىلى 7- ئايدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ قوللىشىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرنى قاپلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى، ئىلغار تېخنىكىسى، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى قاتارلىقلارنى يېزا (بازار)- كەنت بىرىنچى سېپىگە باشلاپ ئاپىرىپ، ياردەمنى قوبۇل قىلىدىغان يېزا (بازار)- كەنتنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ «پايدىسى»نى يېزىلاردىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

  چاڭجۇدىكى مۇجيا كەنتىنىڭ كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىدى، بىراق ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى غانجۇغان كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە يېرىمدىن كۆپرەك ئاھالە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. مۇجيا كەنتى غانجۇغان كەنتىگە قوشماقلىشىپ ياردەم بەرگەندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر يىلدا، غانجۇغان كەنتى بىر قاتار نامراتلارنى يۆلەش «كاتتا سوۋغات»ىنى تاپشۇرۇۋالدى: چاڭجۇ شەھىرىنىڭ تيەننىڭ رايونى جېڭلۇ بازىرى، جېڭلۇ بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا غانجۇغان كەنتىدىكى جۇڭخۇي دېھقان- چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى؛ جېڭلۇ بازىرى غانجۇغان كەنتىدىكى جۇڭخۇي دېھقان- چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن «مال چارۋىلارنىڭ ماياق- تېزەكلىرىنى ئېكولوگىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش تۈرى» بويىچە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى...

  قىرغىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كىچىك بازىرى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىگە جايلاشقان، ئاقچى بازىرى ۋۇشى شەھىرىنىڭ ئېخۇ بازىرى بىلەن قوشماقلاشقاندىن بۇيان، تېزلا ئۆزگىچە ساياھەت- ئېكسكۇرسىيە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان كىچىك بازار «تېز ئاپتوموبىل يولى»غا كىردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كىچىك بازارنىڭ يول بويلىرىدىكى چىراغ تۈۋرۈكلىرىگە ئالتە بۇرجەكلىك نەقىشلىك گۈللۈك پانۇس ئېسىلىپ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك رەڭدىكى يېزا ئاھالىلەر تۇرالغۇسى سېلىندى، «قىز قۇۋار» مەنزىرە كۆۋرۈكى، ئۈچ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە زالى، يىرىك شېغىللىق پىيادىلەر يولى، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، ئائىلىۋى ياتاق، شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەر تىجارىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. ھازىر، بۇ بازار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، كىشى بېشى كىرىمى 5000 يۈەن كۆپىيىپ، ئون ئائىلىلىكتىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ خاس ساياھىتىنىڭ بىر يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  كۆپلىگەن تۈر، مەبلەغدىن ئىبارەت كۆزنى چاقنىتىدىغان قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش «نەتىجە تىزىملىكى»نى كۆرۈپ، ياردەم بېرىش، يۆلەشكە ئېرىشكەن يېزا (بازار)- كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىگە تولدى. ھازىر، جياڭسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئىككى ئىككىدىن قوشماقلاشقان يېزا (بازار)- كەنت ئەينى چاغدىكى ئالتە جۈپتىن 14 جۈپ، 28 يېزا (بازار)- كەنتكە كۆپەيدى.

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جياڭسۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان گۇەن يۇڭجيەن مۇنداق دېدى: بىز ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تېزلەتتۇق.

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۇڭ مىڭجى مۇنداق دېدى: «قوشماقلىشىپ يېزا (بازار)- كەنتلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان پايدىلىق ئىزدىنىش، ئۇ جياڭسۇنىڭ سەرخىل، كۈچلۈك يېزا (بازار)- كەنتلىرىنىڭ بېيىش تەجرىبىسىنى ئەسلىي ھالىتى بويىچە، كەم- كوتسىز بىزگە ئۆگىتىپ، بىر كەنتتە بىر تەدبىرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈردى. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز جياڭسۇ، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ قوشماقلىشىشىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز».

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 53نى، مەبلەغدىن 480 مىليون يۈەننى ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مايىللاشتۇرغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن 37نى، مەبلەغدىن 360 مىليون يۈەننى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %73ىنى ئىگىلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى