ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

مائارىپ سىستېمىسىدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2018.11.12 15:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ سىستېمىسىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايون قىسمەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆ قاتارلىق توققۇز ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن 12 ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ۋە تونۇشى، ھېسسىياتىنى بايان قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىگە، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرىگە قارىتا تېخىمۇ بىۋاسىتە تەسىراتقا ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى، ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى ياخشى نەتىجىگە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ سىستېمىسىدا ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىدە ئېرىشكەن ھاسىلات ۋە تەسىراتقا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللەندۈرۈش كېرەك. لېكسىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سۆھبەت يىغىنى، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ تارقىتىلىشى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مائارىپ سىستېمىسىدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان