ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تونۇشتۇرۇش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى كۆپلىگەن كارخانا بىلەن 1 مىليارد يۈەنلىككە يېقىن چوڭ زاكاز ئىمزالىدى

2018.11.09 14:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ سودا ئۆمىكى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تونۇشتۇرۇش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك نەق مەيدان پائالىيىتىنىڭ بىرى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، گېرمانىيە رېيىنخاۋسىن ماشىنىسازلىق- ياسىمىچىلىق شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «يېڭى ۋاسىتە، يېڭى مۇلازىمەت، يېڭى پۇرسەت» باش تېمىسىدىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  سېتىۋېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو ۋۇكۇاڭ خىمىيە سانائىتى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو يېمەكلىك، يەرلىك چارۋا ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تىرانسپورت خىزمىتى كومىتېتى، دۇيسبۇرگ پورتى گۇرۇھى، پۇلۇس مەبلەغ سېلىش (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى ABB ، گېرمانىيە ۋېيشى شىركىتى، گېرمانىيە رېيىنخاۋسىن ماشىنىسازلىق- ياسىمىچىلىق شىركىتى، ياپونىيە مىتسۇبىشى ئېلېكتىر ماشىنا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانا قاتارلىق كۆپلىگەن كارخانا بىلەن 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن ھەمكارلىق زاكاز ئىمزالىدى. شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا خەلقئارا ماددىي ئەشيا سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى بىر شىركەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى؛ شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى بىر شىركەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى رامكىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىغان 18 پورت ۋە دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەر توپلاشقان 23 باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ ۋە سودا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەدرىجىي ھالدا سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى شىنجاڭ ئىچىدىكى توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرى، ئىمپورت سودا كارخانىلىرى، تۈرلۈك سودا مەركىزى، تۈرلۈك سودىگەر، ۋاكالەتچى سودىگەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ۋە مۇلازىمەت كارخانىلىرى ھەمدە داۋالاش، پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاپپارات ۋە كارخانىلارنى سېتىۋېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە