ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەكتەپچە تەربىيە، ئائىلىچە غەمخورلۇق

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى

مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، شيې خۇيبيەن

2018.11.09 14:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 94 ئوقۇتقۇچى قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇلار كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ يېزا- كەنتلەردىكى ھەمراھ زاۋۇتلارغا كىرىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان تەربىيەلەش ئەندىزىسى، مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە بەرگەن ئائىلىچە قېرىنداشلىق مېھرى ۋە غەمخورلۇقى، تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولۇشى ۋە قوللىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  چىن كۆڭلىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش

  قىپقىزىل چوڭ پانۇس، شادىيانە مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇل، قىزىقارلىق شىر ئۇسسۇلى، مۇڭلۇق، تەسىرلىك جياڭنەن كۈيى «مولىخۇا»... 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان «ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل» دېگەن ئويۇننى تۆۋەندە ئولتۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچى ئابدۇرېھىم نۇر مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ قالدى، بىزگە يېڭى ھايات ئاتا قىلدى. بىز ناخشا- ئۇسسۇللىرىمىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى نامايان قىلماقچى، روھىي قىياپىتىمىزنى نامايان قىلماقچى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمىز ۋە قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىمەكچى.

  «ئۇلارنىڭ ھەربىر جۈملە سەھنە سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغانىدىم، بەزىلىرىنىڭ سەۋىيەسى ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ.» شىنجاڭ داشۆ جۇڭگو تىللىرى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شادىيە ئىبراھىم يول بويى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچىلەر قىسقا ۋاقىتتا مۇشۇنداق كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپتۇ، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر 2000 دىن 3000 غىچە خەت تونۇيدىكەن، سۆزلىيەلەيدىكەن، يازالايدىكەن، ناخشا ئېيتالايدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»

  «ئۇلارنىڭ يەنە جىڭجۈي تىياتىرى، يۈجۈي تىياتىرى، خۇاڭمېيشىي تىياتىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تىياتىرلارنى ئورۇنلىيالايدىغانلىقىنى، ھەرىكەتلىرىنى شۇنچىلىك جايىدا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدىم.» شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى(شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) سەنئەت شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دىلنۇر غوپۇراخۇن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تالانتىدىن ھەيران قالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئويۇن قويغان چاغدىكى كۆز بېقىشلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار تىياتىر تىلىنى تولۇق چۈشەنگەچكە، مۇشۇنداق بېرىلىپ ئورۇنلىيالىغان. بۇمۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مول، رەڭدار ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ئېشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىمۇ كۈچىيىپتۇ. بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ ئىلھام بولدى.»

  «مۇئەللىم ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمىمىز»

  چۈشتىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ، خەتتاتلىق سىنىپىغا كىردى، تەربىيەلەنگۈچىلەر موي قەلەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن ھۆسنخەت يېزىشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى، مۇنبەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى «سىياھ ھىدىدىن ئىللىقلىق تارقىتىپ، قەلىمىمىز ئارقىلىق مەكتەپنى يورۇتايلى» دېگەن لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى لياڭ ياندا تۇرۇپ بىردەم كۆرگەندىن كېيىن، باشمالتىقىنى چىقىرىپ: «بەك ياخشى يازدى» دېدى.

  33 ياشلىق ئابدۇرېھىم ئابدۇلېتىپ ئەمدىلا «مەن جۇڭگونى سۆيىمەن» دېگەن خەنزۇچە تۆت خەتنى يېزىپ بولۇپ تۇرۇشىغا، بۇ ماختاشنى ئاڭلاپ، تولىمۇ پەخىرلەندى. «مەن ئىلگىرى موي قەلەم تۇتۇپ باقمىغان، مۇئەللىمىم قولمۇقول ئۆگەتتى، قەتئىي زېرىكمىدى. ئۇ داڭلىق خەتتات، كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بولسامكەن دەيمەن.» ئابدۇرېھىم مۇئەللىمىنىڭ تەرىپىنى تىلغا ئالغاندا، كۆز چانىقى قىزىرىپ كەتتى.

  كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپى دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇراتتى، ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ چىرايىدا ئىشەنچ جىلۋىلىنەتتى. «مەن نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى بىلەن پاراڭلاشتىم، مۇئەللىمى تىلغا ئېلىنسىلا، ماختىمايدىغىنى يوق، شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلار مۇئەللىمىنى ئەك يېقىن ئادىمى دەپ بىلىدىكەن، مۇئەللىملەر تەربىيەلەنگۈچىلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىپتۇ، چىن كۆڭلى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىگە غەمخورلۇق قىپتۇ» دېدى لى لياڭ.

  ئارقىدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيىگە كىردى. يېقىملىق مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، بىر مۇئەللىم بىر نەچچە تەربىيەلەنگۈچىنى كوللېكتىپ پىسخىكىلىق يېتەكلەۋاتاتتى. ئەمدىلا پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى قوبۇل قىلغان تەربىيەلەنگۈچى ئىبراھىم مەمەت تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، خاتا يولغا ماڭغان بولساقمۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى تاشلىۋەتمىدى، يەنە بىزگە مۇشۇنداق ياخشى مۇئەللىم ئەۋەتىپ، بىزگە تىل، قانۇن، ماھارەت ئۆگەتتى. بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاغرىپ قالسا، مۇئەللىم خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى، مۇئەللىم ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمىمىز.»

  ئىبراھىمنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غوجىئەخمەت تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. بۇ يەردە، مەكتەپچە تەربىيە دەرسخانا ۋە مەيدانغىچە سىڭدۈرۈلۈپتۇ، ئائىلىچە غەمخورلۇق ھەربىر ئىنچىكە ھالقىدا ئىپادىلىنىپتۇ، ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتىن كۆيۈنۈشنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىكەن. تەربىيەلەش مەركىزىدىكى مۇئەللىملەر بىز ئويلىغاننىمۇ، ئويلىمىغاننىمۇ قىپتۇ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرى بىزنى تەسىرلەندۈردى.»

  «بىز چىن دىلىمىزدىن تەلىم- تەربىيە سىياسىتىنى ھىمايە قىلىمىز»

  چۈشتە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن يېزا ئاسفالت يولىنى بويلاپ، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى كەپتەرباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇن ھوشۇرنىڭ ئۆيىگە باردى، ھويلا پاك- پاكىز تازىلانغان بولۇپ، ئۈستەلگە ئۈزۈم، غەينۇلا قاتارلىق مېۋىلەر تىزىلغانىدى، تۇرسۇن قىزغىنلىق بىلەن كۆپچىلىكنى بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى غەينۇلانى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. تۇرسۇننىڭ كۈيۈئوغلى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغاچقا، ھازىر كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋېتىپتۇ. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، كۈيۈئوغلۇم تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولاتتى، بىز چىن دىلىمىزدىن تەلىم- تەربىيە سىياسىتىنى قوللايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز.» تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمىدە، ئۇنىڭ قىزى ناھىيە بازىرىدىن خىزمەت تېپىپتۇ، ھازىر ئايدا 1800 يۈەن كىرىم قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تىل- مەدەنىيەت شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى مۇنىرە مەمەت مۇنداق دېدى: «كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپتۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپتۇ. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ يول توغرا ئىكەن.»

  ئارقىدىن، ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسى ياربېشى كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كەلدى، نەچچە ئون ئىشچى توبا ياساۋاتاتتى. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈگاڭ ئىشچى نۇرئامىنە ئىمىننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ مائاش كىرىمى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. نۇرئامىنە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدىم، بۇ يەردە ئىشلىگەندىن كېيىن، ئايدا 1200 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن، مەن پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، ئائىلەمنىڭ شارائىتىمۇ ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن چوقۇم بالدۇرراق قۇتۇلالايمەن.»

  نۇرئامىنەنىڭ خۇشال چىرايىنى كۆرۈپ، ۋاڭ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق بىرەردىن ماھارەت ئىگىلەپتۇ؛ كەنتتىكى ھەمراھ زاۋۇتتا، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپتۇ. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كۈنلىرى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.»

  «مەن < ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، كىشلەرنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.» قەشقەر داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو خاۋبو مۇنداق دېدى: «قايتقاندىن كېيىن، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىسى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمەن.»
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە