ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2018.11.08 14:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى شەرتسىز، كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «<ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى> توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» بويىچە، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئاپپارات ئىشتاتى ئىنتىزامى، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامى، مالىيە ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قەتئىي كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ئىككى بەنزە»نىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە تەۋرەنمەي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم يىللىق تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياخشى ئورۇنداپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت- ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇش، زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىش، باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى