ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.11.06 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر، جاي- جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى. ئالتۇن كۈزدە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە ئېچىلدى. كەينى تەرىپىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان، ئالدى تەرىپى تىنچ ئوكيانغا يۈزلەنگەن، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كەيپىياتىنى يېتەكلەيدىغان بۇ ئاۋانگارت شەھەردە، كىشىلەر «شەرقتە ئۇچرىشىش»قا ئورتاق ئاتلاندى، بۇ يەردە كەڭ رىشتە باغلاپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتىشنى ئارزۇ قىلىشتى.

  «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم، زور قارارى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى دۇنياغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى». تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشتەك جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشتەك جۇڭگو ھەرىكىتىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت- ئېتىبارىنى تارتتى. بۇ مۇھىم نۇتۇق ھەم چوڭقۇر تەپەككۇرغا تويۇنغان، ھەم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  «داغدام يولدا ماڭغاندىلا، ئىناق جەمئىيەت قۇرغىلى بولىدۇ». جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە، خەلقئارا سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت. بۇ «يېڭى دەۋر، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىدە، جەمئىي 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 3600 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق سېتىۋېلىش سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ سېتىۋېلىشنى كېڭەشتى. بۇ تەنتەنىلىك ئەھۋال دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئىمپورت كۆرگەزمىسى «جۇڭگونىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي خورى». جۇڭگونىڭ 2018- يىلىدىن باشلاپ بۇ كاتتا كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشى، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش، ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.

  تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك باش كۆتۈرۈپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولماقتا. بىراق، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بۇرىۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، بۇ، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش مۇقەررەر ھالدا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. تارىخنى ئەسلەش، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشىمىزغا موھتاج. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش» «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش» «سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»ىنى تەكىتلىشىدىكى مەقسىتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە بولۇشتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشقىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ بەخت ئاتا قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىمپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىش، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش دەل ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر يەر شارىنى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، باشتىن- ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، باشتىن- ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ بازىرى، باشتىن- ئاخىر دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىسى بولىدۇ.

  ئېچىۋېتىش يۈكسىلىشكە باشلايدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. بۈگۈن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بىر جۇڭگو قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات «تېز پويىزى» «قولاي پويىزى»غا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى تېخىمۇ خالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە