ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

2018.11.06 15:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلىتىمىز ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتلەر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئالماشتۇرۇش، بىرلىشىش جەريانىدا بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا بېقىنىدىغان، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تارىخىي ئالاھىدىلىكى بولۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، «تارىختا جۇڭگونىڭ شىمالىدا، غەربىي يۇرتتا ياشىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈرك مىللىتى» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى «ئۆزئارا ئۆچمەنلىشىدىغان»، «ئۆزئارا جازا يۈرۈشى قىلىدىغان» دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتى، دېيىشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا كۆپ مىللەت يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان تارىخىي رېئاللىققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ. بۇ خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بەزى ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىيلار ھەم بىر قىسىم ئامما ئارىسىدا مۈجمەل، خاتا تونۇش ساقلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە بولغان تونۇشىدا ئېغىش پەيدا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۆزىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئەمەس»، «بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك» دەپ قارىدى. بۇ خاتا گەپ- سۆزلەرنىڭ ماھىيىتى، شىنجاڭ رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش، شىنجاڭنى جۇڭگو زېمىنىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايون دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار بەس- بەستە ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، يەر- جاھاننى قاپلايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈردى. شۇڭا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلق ھەرىكەتكە كېلىپ، ئويغىنىپ، شىنجاڭ تارىخى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرى ۋە رەزىل مەقسىتىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىي سۇيىقەستىنى ئۈزۈل- كېسىل بىتچىت قىلىپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشى كېرەك.

  1. ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر بىلەن ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئۈزلۈكسىز ئالاقىلەشكەن، ئالماشتۇرغان، ئارىلاشقان تارىخىي جەريان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مىللەتلەر بىلەن ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئۈزلۈكسىز ئالاقىلەشكەن، ئالماشتۇرغان، ئارىلاشقان تارىخىي جەريان، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى تارىخىي مۇقەررەر يۈزلىنىش. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن سەۋەبىدىن، ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ئاھالە كىرىپ- چىقىپ تۇرغان. ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇيخېلار بولۇپ، موڭغۇل ئېگىزلىكىدە پائالىيەت قىلغان، ئۇلارنىڭ نامى ئىلگىرى ۋۇخۇ، ۋۇخې، يۈەنخې، ۋېيخې، خۇيخې دەپ ھەر خىل تەرجىمە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ زۇلۇمى ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار تېلى قەبىلىلىرىدىكى بارغۇت، تۇڭرالار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. 744- يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئاقساقال كۈل بىلگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلغان. 788- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانى تاڭ سۇلالىسىگە مەلۇمات يوللاپ، نامىنى «شۇڭقاردەك چاققان» دېگەن مەنىدىكى خۇيخۇغا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. 840- يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچۈپ، خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى مۇنداق ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ھازىرقى جىمىسار رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ بىر تارمىقى، خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يۇغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تارمىقى، پامىرنىڭ غەربىگە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرقى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارغا تارقىلىپ، قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ھەم تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنزۇلار، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار، كۈسەنلىكلەر، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن ئارقا- ئارقىدىن يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى خەنزۇ تىلىدا يەنە «畏兀儿» دەپ ئاتالغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇغۇرۇلۇپ، موڭغۇللار، بولۇپمۇ چاغاتاي خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا يېڭى قان تولۇقلىغان. 1934- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت پەرمانى ئېلان قىلىپ، «维吾尔»نى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە قېلىپلاشقان نامى قىلىپ بىرتۇتاش قوللىنىشنى قارار قىلدى، بۇ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقنى قوغداش دېگەن مەنىدە بولۇپ، Uyghur دېگەن نامنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى تۇنجى قېتىم توغرا ئىپادىلەپ بەردى. كەڭ ئۇيغۇر ئامما جۇڭگونىڭ تارىخىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى تارىخىي يۇغۇرۇلۇش جەريانىنى توغرا تونۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن تارىخىي جەريانىنى توغرا تونۇپ، «بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق»، «بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  2. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈركلەر قۇل قىلىنىش ۋە قۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولغان

  تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، تۈركلەر 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتاي تېغى رايونىدا باش كۆتۈرگەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ، 552- يىلى جورجان خانلىقىنى يوقىتىپ، تۈرك خانلىقىنى قۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان خۇيخېلار دەسلەپتە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، «يېڭى تاڭنامە»نىڭ 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، سۈي سۇلالىسى گۈللەنگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان قاڭقىللارنىڭ ئالتە تارمىقىنىڭ ئاقساقاللىرى غەربىي تۈرك خانىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بەيئەت قىلغاندا، ساداقەتمەن بولمىدىڭلار، دەپ ھاقارەتلىنىپ رەھىمسىزلەرچە تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. تۈركلەرنىڭ زۇلۇمى ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار تېلى قەبىلىلىرىدىكى بارغۇت، تۇڭرالار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ماسلىشىپ تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان. دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولغان تۈركلەرمۇ خانلىقنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارچىلانغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تۈركلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بىلەن تۈركلەر ئۇزاق مۇددەت بىر رايوندا ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۈرك ئەمەس. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئېزىش ۋە ئېزىلىش مۇناسىۋىتىدە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئاندىن تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. كېيىن بىر قىسىم «پانتۈركىزم»نى تەرغىب قىلىدىغان كىشىلەر كۆز بويامچىلىق قىلىپ، «تىل ئائىلىسى» بىلەن «مىللەت» ئۇقۇمىنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەر دەۋالدى. ئەمەلىيەتتە، تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەت ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار. «تۈركىي تىللار ئائىلىسى» تىلشۇناسلىق ئۇقۇمىلا، خالاس. ئۇ، يېقىنقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ خەنزۇ- زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى- ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى دېگەنگە ئوخشاش تىل تۈرلىرىنى ئايرىش تىزىملىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدا ئۈچ تىل ئائىلىسى بولۇپ، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىن باشقا يەنە موڭغۇل تىللىرى ئائىلىسى، مانجۇ- توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىمۇ بار. ھازىر دۆلىتىمىزدە تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، يۇغۇر، سالا قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى»نىڭ تەركىبىي قىسمى ئەمەس. ئۇلار تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللاردا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تۈركلەر دېۋىلىشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى دېۋىلىش تارىخىي پاكىتقا تامامەن خىلاپ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى تۈرك مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىدىن بالدۇر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئىرقىي مۇناسىۋىتى يوق. «پانتۈركىزم»چىلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تۈرك مىللىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاتالمىش «突厥民族» دېۋىلىشى، ئاتالمىش «ئورتاق تىل» نۇقتىسىدىن تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەتنىڭ چەك- چېگراسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق يوچۇق بەكلا تولا، مەنتىقە جەھەتتىمۇ قەتئىي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ھەرگىز جىننى ئادەم، دەپ قارىماسلىقى كېرەك، شۇنداقلا «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلمەسلىكى، تۇتقۇن قىلىنىۋالماسلىقى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى» دەپ جار سېلىشى پۈتۈنلەي «پانتۈركىزم»چىلار ئۈچۈن گۇپپاڭچىلىق قىلغانلىق، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىشقا مۇلازىمەت قىلغانلىق. ئۇيغۇر قېرىنداشلار كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، توغرا ئىدىيەۋى قاراش تۇرغۇزۇپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

  3. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك

  ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، بىرى گۈللەنسە، باشقىلارمۇ تەڭ گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، قالغانلىرىمۇ تەڭ زىيانغا ئۇچرايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. مەيلى ئۇيغۇر مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى ياكى باشقا مىللەت بولسۇن، بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك. دۇنياغا نەزەر سالساق، قايسى دۆلەت تىنچ، ئىناق بولسا، شۇ يەردىكى خەلق خاتىرجەم، خۇشال ياشىماقتا؛ قايسى دۆلەتتە پارچىلىنىش، داۋالغۇش بولسا، شۇ يەردىكى خەلق جاپا- مۇشەققەتتە ئازاب چەكمەكتە؛ قايسى رايوندا تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك يامرىسا، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قاتتىق ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتمەكتە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتا ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىز شۇنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم، ئىناق ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت پۇقرالار ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. بىز زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش رەزىل مەقسىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىشىمىز ۋە تەنقىدلىشىمىز، ھەقىقەتنى ئېنىق تونۇپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى