ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

«ئەۋەتىش»نىڭ نوپۇزى بىلەن «تۇرۇش»نىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2018.11.06 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ۋە سىياسىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىكتىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى مۇلاھىزە قىلىش، پىلانلاش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نازارەت قىلىش ئوبيېكتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي ھالدا «ئەۋەتىش»نىڭ نوپۇزى بىلەن «تۇرۇش»نىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىش، يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى