ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ بىلەن تونگا پادىشاھى تۇپۇ VI ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو بىلەن تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.11.03 17:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 2- كۈنى تونگا پادىشاھى تۇپۇ VI بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسايىن كېڭەيدى. بۇ يىل 3- ئايدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو- تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردۇق. مەن جۇڭگو- تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

  تۇپۇ VI تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تونگا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى كۈنسايىن كۈچەيدى. مەن جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر