ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دىنىي ساھەدىكى زاتلار قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارغا يېڭى ھاياتلىق بەردى»

2018.11.03 17:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن دىنىي ساھەدىكى 60 زات قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، بىر كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  دىنىي ساھەدىكى زاتلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ، سىنىپ، ئاشخانا، ئويۇن قويۇش زالى، خەلققە قولاي تاللا بازىرى، داۋالاش ئۆيى، ئۇرۇق- تۇغقانلار كۆرۈشۈش مەركىزى قاتارلىق ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش سورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  «تىيانشانغا نۇر چاچتى قىپقىزىل قۇياش، ئىللىتتى قەلبىمنى شۇ قەدەر راھەت...» پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا ياڭراۋاتقان شوخ مۇزىكا دىنىي ساھەدىكى نۇرغۇن زاتنى جەلپ قىلدى. «بۇلار تەلىم- تەربىيە مەركىزى تەكلىپ قىلغان كەسپىي ئارتىسلارمۇ؟» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتىرەم شېرىپ خىزمەتچىلەردىن سوراپ، بۇ نومۇرلارنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرى يېزىپ، ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغانلىقىنى بىلدى، مۆھتىرەم ھەيران قالغان ھالدا ئارتىسلارغا: «سىلەرنىڭ بۇ يەردە بۇنداق زور، بۇنداق تېز ئىلگىرىلىشىڭلارنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن! ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىكەنسىلەر، سۆزلىيەلمەيدىكەنسىلەر، تونۇمايدىكەنسىلەر، ھازىر ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇپسىلەر، تېخى ئۆزۈڭلار ناخشا تېكىستى يېزىپ ئويۇن قويىدىكەنسىلەر، سىلەر ئۈچۈن بەكلا خۇشال بولدۇم» دېدى.

  پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلار كۆرۈشۈش رايونىدا، تەربىيەلەنگۈچى راخمانجان مەمتىمىن ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ياڭ جيې راخمانجاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ ئىگىلىدى. راخمانجان: «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، قانۇنسىز ۋەز ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناتوغرا يولغا، يامان يولغا كىرىپ قالغانىدىم. ھازىر ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى ئۆگىنىپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم» دېدى.

  «ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇپسىز، قانۇن ئېڭىغا ئىگە بوپسىز، نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بوپسىز، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم». ياڭ جيې كۈلۈمسىرىگىنىچە راخمانجانغا مۇنداق دېدى: «قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلغانلىق ئۆزىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىق. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار، ئەمما بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر چوقۇم قانۇن- نىزاملار رۇخسەت قىلغان دائىرىدە قانات يايدۇرۇلۇشى شەرت، بىز قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇنغا بويسۇنۇپ، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولۇشىمىز كېرەك».

  قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدىكى «ئۆز خاتالىقىمنى ئۆزۈم سۆزلەي» دېگەن مەزمۇندىكى ئۆگىنىش دوسكىسىغا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتى چاپلانغانىدى. مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسى جەرەندۆڭ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى نۇرئەلى ئەمەر بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى تونۇپ يېتىپتۇ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۈچىيىپتۇ، بۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر، شۇنداقلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىش ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن».

  ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىسىدىكى ئوشاغاندى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەسبىدىن سەمەت ئىزچىل قەلىمىنى توختاتماي، بىر قانچە بەت خاتىرە يازدى. ئۇ قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ يېڭى ئۈمىد كىيىم- كېچەك زاۋۇتىغا كىرىپ، كىيىملەرنىڭ پاسونى، تىكىلىشىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئىختىيارسىز بېشىنى لىڭشىتىپ ماختىدى ھەم بىر چەتتە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان تەربىيەلەنگۈچى ئىززەتگۈل ئىسمائىلغا باشمالتىقىنى چىقاردى. ئەسبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى تاشلىۋەتمەي، ئەكسىچە شۇنچە زور ئەجىر قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپتۇ. تەربىيەلەنگۈچىلەر بۇ جايدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپتۇ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپتۇ، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپتۇ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تېشىپتۇ. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا چاقىرىق قىلىمەن».

  «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارغا يېڭى ھاياتلىق بەردى». بىر كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاياغلاشقاندا، شىنجاڭ ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، ئازدۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىغا ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى تۈپتىن مۇستەھكەملىدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. «ھازىر شىنجاڭ ناھايىتى بىخەتەر، ناھايىتى مۇقىم، ناھايىتى ئىناق. پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، بىز بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر