ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.11.02 19:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 1- كۈنى كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دائىم بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم، بىز دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بىز بەزى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بىزنىڭ كۆرۈشۈشىمىز ئۈچۈن ياخشى، تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا- جۇڭگو ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي كوللېكتىپلارنىڭ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى بار. مەن ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوللايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن قايتا تېلېفونلاشقانلىقىمدىن بەك خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىرىنسىپال مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئارگېنتىنا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە قايتا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. بىز ئىككىمىزنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە قارىتا ياخشى ئارزۇلىرىمىز بار، بىز تىرىشىپ بۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ساھەسىدە بەزى ئىختىلاپلار كۆرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىدار كەسىپلەر ۋە دۇنيا سودىسى پايدىسىز تەسىرگە ئۇچرىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. جۇڭگو پات ئارىدا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىمپورتنى كۆپەيتىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئاكتىپ ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىسىنىڭ بەس- بەستە قاتنىشىدىغانلىقىدىن خۇشالمىز. جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭمۇ ماسلىشىش- ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىقتىساد- سودا قىيىن مەسىلىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغانلىقىغا ئائىت مىساللار بار. ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي كوللېكتىپلىرى ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا مەسىلىلىرىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان لايىھە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ئامېرىكا- چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.

  ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا- چاۋشيەن سۆھبىتىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەش بولدى. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، داۋاملىق ھالدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر