ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك

2018.10.29 17:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىدە تەقدىرلەنگەن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى قايتا يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى قوللاپ، يېتەكلەپ، قوغداپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدىغان قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا نىشان يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئىزچىل فاڭجېنىنى ئىپادىلىدى، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، پۇقراۋى كارخانىلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى قوللاپ، يېتەكلەپ، قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل تارقىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا، ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باج- ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سىياسەتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنى باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى ئىخچاملاپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلار، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «يېقىن»، «ساپ» بولغان يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئۇلارنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارغا چىن ھېسسىيات بىلەن خىزمەت قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سالىدىغان، ئىشلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېجىرىدىغان، ئازادە ئىگىلىك تىكلەيدىغان قىلىشى كېرەك.

  ئالتىنچى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى باشتىن- ئاخىر ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، كارخانىسىنى ئەستايىدىل ياخشى باشقۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش- كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش- يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، لى شۆجۈن، رېن خۇا، جاڭ بو، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، لى شىنمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى