ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«جۇڭگو شانلىق ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» بويىچە ئەمەلىيلەشكەن تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.29 17:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو شانلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو شانلىق ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» بويىچە ئەمەلىيلەشكەن تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىس، جۇڭگو شانلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شۈ لېجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۈ لېجياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىق دائىرىسى ئەڭ چوڭ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ تەس، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل. بىز شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. بۈگۈن كېلىشىم ئىمزالانغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا چوقۇم كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ جەنۇبىي شىنجاڭ ئاممىسىغا بالدۇرراق نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۈ لېجياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار دىققەتنى دەل جايىدا بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ يول ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئون ئۆلكە، شەھەردىكى سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، تېزلىكتە يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشىدىغان، ماس، تەرتىپلىك بولغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش ساھەسىنى كېڭەيتىشى؛ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر سۆزىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو شانلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو شانلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى «جۇڭگو شانلىق ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى چوقۇم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى روشەن، بايلىق جەھەتتە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، زاپاس كۈچى يېتەرلىك، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنى قۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا بولغان ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ، «يېقىن»، «ساپ» يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى پائال ئورنىتىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى، كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان، يەرلىككە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «جۇڭگو شانلىق ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو شانلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيې جىڭرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى