ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش كېرەك

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

2018.10.29 16:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تارىخىي مەسىلە مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسى، تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاراش ۋە ئوخشاش بولمىغان شەرھلەشلەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، توقۇپ چىقىپ، بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىپ، مەدەنىيەتتىكى پەرقلەرنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىز بىلەن بازىنى، ئاممىنى، كىشىلەر قەلبىنى تالاشتى. شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خاتا تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا قاراش تۇرغۇزۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاشنىڭ ئاساسى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا خاتا ئىدىيەۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى.

  مەنبەنى ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختىلاشنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسى

  شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى شىنجاڭنىڭ تۈنۈگۈنىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، شىنجاڭنىڭ رېئاللىقىدا ساقلىنىۋاتقان تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزى ۋە مەنبەسى بار. 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا بولغان باشقۇرۇشى ۋە ئىدارە قىلغانلىقىنى بار كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئۇيۇشۇشچان مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدا ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈپ تارىخىي رېئاللىقنى ئىنكار قىلىپ، «بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك، بىزنىڭ يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان، بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام» دېگەننى ھەدەپ تەرغىب قىلدى. ئۇلار ئىدېئالىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى ئاساس قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى سەپسەتىسى»، «مىللەت ئەلاچىلىقى سەپسەتىسى»، «دىن ئەلاچىلىقى سەپسەتىسى»، «خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش سەپسەتىسى»، «پانتۈرك ئورتاق گەۋدىسى سەپسەتىسى» قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، بىر يۈرۈش خاتا، ئەكسىيەتچىل ئىدىيەۋى سىستېمىنى توقۇپ چىقتى، بۇنىڭ شىنجاڭدىكى بەزى جايلارغا سىڭىپ كىرىش ۋە كېڭىيىش ۋاقتى ئۇزاق، دائىرىسى كەڭ، دەرىجىسى چوڭقۇر، زىيىنى چوڭ بولدى. بۇ خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بەزى كىشىلەردە شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن خاتا تونۇش پەيدا بولدى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئېتىقاد، ئىدىيەۋى قاراش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە قارىتا تونۇشى ئېنىق بولمىدى؛ بەزىلەر ھەتتا تەلۋىلەرچە شىنجاڭنى بۆلۈپ چىقىپ كېتىشتەك «مۇستەقىللىق چۈشى»، «دۆلەت قۇرۇش چۈشى» كۆردى. تا بۈگۈنگە قەدەر، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى يەنىلا مەۋجۇت، «پانتۈركىزم» مىللەت قارىشىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، «پانئىسلامىزم»نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بىرقەدەر گەۋدىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى تېخى تازىلىنىپ بولغىنى يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئېغىر دەرىجىدە مەۋھۇملاشتۇرۇۋەتتى، يوقاتتى. شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى تازىلانمىسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر بۇرمىلىۋەتكەن تارىخنى تۈزىتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. تارىخقا توغرا قاراپ، ھەق- ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا توغرا ئىدىيە- پىكىرلەرنى قوللاپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا خاتا قاراشلارنى تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، توغرا يېرى نەدە ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، خاتا يېرى نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەش ۋە ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز شەرت. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىگە بولغان تونۇش ئېنىق بولغاندىلا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، بەزى كونكرېت ئىدىيەۋى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. تارىخىي ئىنكارچىلىقنىڭ تەسىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنى چەكلەش، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىدە ساقلانغان تۈرلۈك «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» خاتا قارىشى ۋە خاتا خاھىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. مول تارىخىي پاكىتلار ۋە ھېكايىلەردىن مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى، مىللەت روھى يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غۇرۇرى، ئىشەنچى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگولۇقلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىرادە ۋە شىجائەتنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قىلىش كېرەك.

  ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رېئال مەسىلىلەرنى تارىخقا تەتبىقلاپ ھەل قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇشتا، مەيدان، ئۇسۇل ئىنتايىن مۇھىم. مەيدان، ئۇسۇلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئوخشاش بىر تارىختىن چىقىرىلىدىغان يەكۈنمۇ زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭ تارىختا «مۇستەقىل دۆلەت»، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە ئەمەس، دېگەندەك ئەكسىيەتچىل سەپسەتىلەرنى تارقاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋەتمەكچى بولدى؛ بەزى كىشىلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى يايلاق ۋە غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەرگە تەۋە قىلدى، ھەتتا تۈركلەرنى «خوجايىن» دەپ قارىدى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قاراپ، بىر تۈرك تارىخىي رىۋايىتىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى؛ بەزى كىشىلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەكىتلەپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ، تارماق ئېقىمنى ئاساسىي ئېقىمنىڭ ئورنىغا قويۇش، بىر تەرەپلىمىلىكنى ئومۇميۈزلۈكنىڭ ئورنىغا قويۇش، قىسمەنلىكنى بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ئورنىغا قويۇشتەك چەكلىمىلىككە پېتىپ قېلىپ، تارىخ ئورمانلىقىدا ئېزىپ قالدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە خاتا، خاتالاشقان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنىڭ ئىنكاسى. چوقۇم ماركسىزملىق پوزىتسىيە بىلەن شىنجاڭ تارىخىغا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىسىنى بىلىش، ھەم شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىسىنى بىلىش دەل بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرۈپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭ تارىخىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت؛ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىش دەل ئىلمىي ئۇسۇل ۋە پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، چىگىش، مۇرەككەپ تارىخ ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، رېئاللىقى بىلەن كەلگۈسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇشنىڭ يادروسى، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا نەزەرىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بىزدىن جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدىن، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدەك ماكرولۇق نەزەردىن، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئالدىنقى شەرتتىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭدا بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كەلگەن تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا قويۇپ تونۇشنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي باغلىنىشىغا قويۇپ تونۇشنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي يۇغۇرۇلۇشىغا قويۇپ تونۇشنى، شىنجاڭ رايونى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىرلىككە كەلگەن گەۋدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق رايونلارنىڭ شىنجاڭ رايونىغا بولغان تەسىرىنى كۆرۈشىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭ رايونىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق رايونلارغا بولغان تەسىرىنىمۇ كۆرۈشىمىز، شىنجاڭ رايونى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق رايونلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشچانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. پەقەت بۇ خىل ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تونۇغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى، تارىخىي ئاساسىي تومۇرى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئومۇمىيەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىشىمىز، شىنجاڭ تارىخىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ھادىسىسىنى، ئاساسىي ئېقىمى بىلەن تارماق ئېقىمىنى، بىر پۈتۈنلۈكى بىلەن قىسمەنلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، چالا بىلگەنلىكتىن قايمۇقۇپ قېلىش، بىلمىگەنلىكتىن قارىسىغا ئىش قىلىش، بىلىمسىزلىكتىن قالايمىقان ئىش قىلىشتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، تارىخنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئوبيېكتىپقا ھۆرمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئاساسىي كۆز قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش كونكرېت تارىخىي تەپسىلاتلارنى دەلىللەش ئەمەس، بەلكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەت، تارىخ، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلىرىگە بولغان ئاساسىي قارىشى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئاساسىي يەكۈنىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان مۇتلەق نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق يەكۈن چىقارغان ئىشلارغا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش داۋامىدا چوقۇم قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە. تارىخنى بۇرمىلاش، توقۇش ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تارىختىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتلىق يولى ئاساسىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى دۆلىتىمىز تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرى، دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆپ مىللەتلىك بولۇش، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىش ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مۇھىم بايلىق، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى». بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇشىمىزدىكى چوڭ لوگىكا، چوڭ ئالدىنقى شەرت، چوڭ قائىدە. تارىخ ساھەسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، ئۇزاق تارىخ، پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتتى؛ شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئېچىپ قۇرغان ۋە ئىگە بولغان جاي، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق يۇرت- ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى؛ تارىختا شىنجاڭ رايونى بۆلۈنۈپ تۇرۇش، ھەتتا پارچىلىنىش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلدى، لېكىن بۆلۈنۈپ تۇرۇش مەزگىلىنىڭ قانچىلىك ئۇزاق، ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا قايتىدىن بىرتۇتاش باشقۇرۇشقا يۈزلەندى، بۇ، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى؛ شىنجاڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» دېگەن نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن- ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدەك بۇ پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. مىللەت ساھەسىدىن قارىغاندا، كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى؛ شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق، توقۇنۇشمۇ بولغان، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تېخىمۇ كۆپ بولغان، ئىتتىپاقلىشىش- ئۇيۇشۇش، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەش باشتىن- ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلگەن؛ ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس؛ شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان- قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى. مەدەنىيەت ساھەسىدىن قارىغاندا، قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى تومۇرداش، ماسلاشقان، تارىختا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ كەلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى. دىن ساھەسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى؛ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلا دىن ئەمەس، شۇنداقلا بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس؛ كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە ئۆتۈش، يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭ رايونىدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، گۈللەندۈرۈشتىكى تارىخىي تەجرىبە. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ، ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى؛ دىنىي تۈس ئالغان مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى دىن بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. يۇقىرىقى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلەر شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى، بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورتاق تونۇش بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى مۇھىم پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭدا كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇش ئارقىلىق، بۇ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلەرنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا، ھەتتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىپ، كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  ياخشى تەربىيە ئارقىلىق، كىشىلەرگە ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان تارىخ بىلىملىرى ۋە ئىدىيەۋى قاراشلارنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرىشىدە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، دىن ۋە ئۆرپ- ئادەت جەھەتلەردە ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوچۇق- كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشتەك تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۆچمەس سەھىپىلەر يارىتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چىداملىق- قەيسەر بولۇش، توختاۋسىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىلەر بارلىققا كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى يادروسى شەكىللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زورىيىشى، باتۇرانە ئىلگىرىلىشىدىكى پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقە داۋامىدا، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى مىللەتلەر بىلەن بىللە تىرىكچىلىك قىلىپ، بىللە ياشاپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى ئورناتتى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ھايات- ماماتلىق خەتەرلىك پەيتكە دۇچ كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە بىردەك ئاتلىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىلىرىنى بىرلىكتە پۈتتى. مەسىلەن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئائىلىسىنى، يۇرتىنى قوغداپ، شەرقىي شىمالدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پىدائىي قوشۇننىڭ 40 نەچچە مىڭ كوماندىر- جەڭچىسى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى شىنجاڭدا ئېلىپ قالدى؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىن ھېسسىياتى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى، ھەر مىللەت خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پائال پۇل- مال ئىئانە قىلدى، خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش چوڭ يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە كۈچلۈك ياردەم بەردى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ھەر قېتىملىق ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھەر بىر قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق ۋە رەڭگارەڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، مىللىتىمىزدە تومۇرداش بولغان مەنىۋى ئىنتىلىش، مەنىۋى خاراكتېر، مەنىۋى تومۇر بولغانلىقىدا، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر يىمىرىلمەس، مۇستەھكەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ، دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى يۈرەكتە، دەپ كۆرسەتكەن. ئەلرايى − ئەڭ چوڭ سىياسىي، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئەڭ تۈپ سىياسىي ئاساسى. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تايانچىنى پۇختىلاش. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا سالاپىتى، تەسىرچانلىقىنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت- ماكانىنى قۇرۇش كېرەك. توغرا ئىدىيەۋى قاراش ۋە تارىخىي پاكىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئىدىيە توسالغۇلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي تۇپراقنى ياخشىلاپ، ئورتاق ئىرادىنى كۈچەيتىپ، مەنىۋى كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە جانلىق، تېتىك سىياسىي تەربىيە، قىممەت قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل تارىخىي ئەنئەنىسىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا تونۇشلۇق بولغان ھېكايىگە ۋە قائىدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلققە ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. زامانغا لايىق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، ئاممىنى باي ۋە مەزمۇنلۇق، سۆيۈپ كۆرىدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مەدەنىيەت تۇرمۇشى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىستىك جۇڭگونى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈش گۈزەل ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق- تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  (قەلەم تەۋرەتكۈچى: شۈ گۇيشياڭ)

  (خەلق گېزىتىنىڭ 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى سانىنىڭ 8- بېتىگە بېسىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى