ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

شۆھرەت زاكىر دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2018.10.28 18:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چېڭ كەي ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈشۈشتە شۆھرەت زاكىر دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكى ھەرقايسى ئەزالار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار ۋەكىللەر، كۆپچىلىك كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، مۇستەھكەم ئىرادە- پەزىلەت، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسى جەزمەن ناھايىتى زور دەرىجىدە قوزغىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىلغارلارغا توغرىلىنىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى نىشانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  چېڭ كەي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، رايونلارنىڭ بىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ئىنتايىن چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، دوكلات بېرىش ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىشقا يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

  دوكلات بېرىش يىغىنىدا، خۇبېي شيەننۇڭتەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېن بىنجۈن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى لىڭشوۋ ناھىيەسى نەنيىڭ يېزىسى چېگۇتو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن چۈنفاڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مىنخوۋ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى(ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى لۇڭدې ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم) فەن شۆشۇاڭ، خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم لى مىڭجۈن، گۈيجوۋ نياڭنياڭشەن ئېگىزلىك سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاۋ جېڭشۆ، ئازادلىق ئارمىيە 302- دوختۇرخانىسى جىگەر- ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر 2- مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جېنيۈ، سىچۈەن ئۆلكىسى ساڭشى ناھىيەسى بەييى بازىرى شيۇيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈن قاتارلىق دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ يەتتە ئەزاسى ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى.

  دوكلات بېرىش يىغىنى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. يىغىنغا قاتناشقان كادىرلار، ئامما بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ جىسمىدا ئىپادىلەنگەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش روھى، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك بۈيۈك مېھىر- مۇھەببەت روھى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش قىلىش روھى، ئويلاشقا، ئىشلەشكە، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىشتەك ئىجادكارلىق روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىكەن، ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن. بىز ھەقىقىي تۈردە ئۈلگىلەرنىڭ كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، بىرلا كۈچەپ ئۆتكەلنى ئىگىلەيدىغان ئىرادە ئارقىلىق نىشاننى كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، چېڭ جېنشەن، كۇڭ شىڭلۇڭ ئايرىم- ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  دوكلات بېرىش يىغىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە يېزا- بازار دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بولۇپ، 2000غا يېقىن كىشى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى ئاڭلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر