ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«يېشىل يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.28 18:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «يېشىل يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئاكادېمىك جاڭ ياپىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن چىن داخې، چېن فاخۇ مۇنبەرگە قاتناشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، «يېشىل يىپەك يولى» بەرپا قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى مۇنبەر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش بىلەن بوستانلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇرغاق رايون بايلىقىنى ئېچىش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئاساسىي تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ چارە- ئەقىل كۆرسەتتى.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش چوڭ يولى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستىراق بولسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەرگىز قۇربان قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولغان گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش چوڭ يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ تەتقىق قىلدى ھەم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. خىزمەت سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ھەم كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىغا موھتاج. كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ھەرقايسى ئاكادېمىكلارنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، مۇنبەر نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بارلىق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تېخنىكا ۋە ئەقلىي تىرەك بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر