ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت

«شىنخۇڭشىن»: چېگرا رايوندىن خەلقئارا كاپىتال بازىرىغا يۈزلىنىش

مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

2018.10.28 18:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەينى يىللىرى بىر نومۇرىنى ئېلىشمۇ تەسكە توختايدىغان «شىنخۇڭشىن»نىڭ «پاي سېتىۋېلىش گۇۋاھنامىسى». (گېزىتىمىز ماتېرىيال سۈرىتى)
    ئىلاۋە
  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگو زېمىنىدا تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، بىر قاتار كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك رەڭدار سەھىپىلەرنى پۈتتى، نۇرغۇن «تۇنجى»لارنى ياراتتى: شىنجاڭدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭدىكى تۇنجى دوكتورلۇق ئۇنۋانى نۇقتىسى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى... گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئىزنا» «ئۇنتۇلغۇسىز تۇنجى»لار تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى بېرىپ، مۇشۇ ھەربىر «تۇنجى»لارنى رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان ئاشۇ تەرەققىيات، قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 40 يىللىق قالتىس مۇساپىسىنى نامايان قىلىدۇ.

  24 يىل ئىلگىرى شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدا پېيىنى بازارغا سالغان شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى(شىنخۇڭشىن) شىنجاڭدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت ئىدى.

  بۈگۈنكى كۈندىكى «شىنخۇڭشىن» ئاللىبۇرۇن ئوتتا تاۋلانغان سۇمۇرغ بولۇپ، شېنۋەن خۇڭيۈەنگە ئايلىنىپ، شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەت دەرۋازىسىدىن ھالقىپ لوندون، توكيو، سىنگاپور، سېئۇل قاتارلىق جايلاردا چەت ئەل تارماق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلدى.

  «شىنخۇڭشىن»نىڭ ئاساسى 1988- يىلى 3- ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىخابا ئارقا كوچىسى 139- نومۇرلۇق بىر ئادەتتىكى كىچىك بىنادا قۇرۇلغان جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ ھاۋالە مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئىدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ ھاۋالە مەبلەغ سېلىش شىركىتى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشتەك يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى ھەم 1993- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. 2000- يىلى، پېيى بازارغا سېلىنغان «شىنخۇڭشىن» نامىنى خۇڭيۈەن ئاكسىيەسىگە ئۆزگەرتتى، 2015- يىلى يەنە يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى ئاكسىيە شىركىتى شېنيىن ۋەنگو ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ، شېنۋەن خۇڭيۈەن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ ئاساسىي بازىرىغا كىردى.

  شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە كەسپىنى يادرو، كاپىتال بازىرىنى تايانچ، پۇل مۇئامىلە پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى باش تېما قىلدى. «پېيى بازارغا سېلىنغان گۇرۇھ + ئاكسىيە شىركىتى»دىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق قۇرۇلمىدىن لايىھەلەنگەن بۇ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش دەرىجىدىن تاشقىرى «ئاۋىياماتكىسى» شېنۋەن خۇڭيۈەننىڭ كاپىتال بازىرىنى تايانچ قىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشىنى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  «<شىنخۇڭشىن>نىڭ باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالماسلىقتەك ئىسلاھات ئېڭى شىنجاڭنىڭ ئاكسىيە- پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى». «شىنخۇڭشىن»نىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈستىدە توختالغاندا، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، «شىنخۇڭشىن»نىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا گۇۋاھ بولغان شېنۋەن خۇڭيۈەننىڭ پېشقەدەم خىزمەتچىسى سۈن جيەن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئەينى يىلى «شىنخۇڭشىن» شىنجاڭدا قىسقۇچپاقا يېيىشكە جۈرئەت قىلغان تۇنجى كىشىنىڭ رولىنى ئوينىغانىدى.

  «شىنخۇڭشىن»دىن شېنۋەن خۇڭيۈەنگىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى قالتىس شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى.

  شىنجاڭ ئاكسىيەچىلىكىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشتەك تەرەققىيات تارىخىغا گۇۋاھ بولغان جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى گاۋ جىنكۇن مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، شىنجاڭدىكى شىركەتلەر پېيىنى بازارغا سالماقچى بولسا، مەركەز كۆرسەتكۈچ بېرەتتى. 2001- يىلىغا كەلگەندە نورمىغا چەكلىمە قويمايدىغان بولدى، كىم پېيىنى بازارغا سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن پېيىنى بازارغا سالسا بولىدىغان بولدى. شۇ يىلى، گوۋۇيۈەن 50 مىليون يۈەنلىك كۆرسەتكۈچ بەرگەن بولسىمۇ، كارخانىلار پېيىنى بازارغا سېلىشنى خالىمىدى. «شىنخۇڭشىن» تەكلىپ قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنى تېپىپ، پېيىنى بازارغا سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  تەستىقلاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، «شىنخۇڭشىن» تېزدىن ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  تارىخ مۇنۇلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ: 1993- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، «شىنخۇڭشىن» «پاي سېتىۋېلىش گۇۋاھنامىسى»نى ئاشكارا سېتىشقا باشلىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 تور نۇقتىسى ئاچقان بولۇپ، كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئالاتتى، بىر نومۇر ئالسا 1000 پاي چېكى سېتىۋالغىلى بولاتتى. بەزى شەھەر ئاھالىلىرى پاختىلىق چاپان، پاختىلىق يوتقان، كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ كېلىپ، كېچىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر تارقىتىشنى كۈتتى.

  1994- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، «شىنخۇڭشىن» شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدا پېيىنى ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ھازىر، شىنجاڭ تەۋەلىكىدە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 53كە يەتتى.

  1996- يىلى، دۆلەت سىياسەت چىقىرىپ، بانكىچىلىق، ھاۋالىچىلىكنى كەسىپكە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. ھەرقايسى بانكىلارغا قاراشلىق بىر قىسىم ھاۋالە شىركەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلدى، نەتىجىسى ياخشى بولغان «شىنخۇڭشىن» پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ساقلاپ قېلىنغان پېيى بازارغا سېلىنغان تۆت شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  2000- يىلى، دۆلەت يەنە ھاۋالە بىلەن ئاكسىيەنى ئايرىش سىياسىتىنى چىقاردى، شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال تۈردىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى ھەم نامى خۇڭيۈەن ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، جۇڭگو كاپىتال بازىرىدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان ئاكسىيە شىركىتى بولدى.

  شىنجاڭدا قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان جايى شىنجاڭ بولغان شېنۋەن خۇڭيۈەن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى باشتىن- ئاخىر ئەمەلىي ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭدىن قەدەممۇقەدەم پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، «شىنخۇڭشىن»دىن تەرەققىي قىلىپ زورايغان «شېنۋەن خۇڭيۈەن» جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، مەركەز خۇيجىن شىركىتى قاتارلىق پايچىك ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كاپىتال بازىرىنى تايانچ قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى 1- قاتاردىكى مەبلەغ سېلىش، پاي كونترول گۇرۇھى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە.
  2015- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، خۇڭيۈەن ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شېنيىن ۋەنگو ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى قوشۇلۇپ قۇرۇلغان شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە چەكلىك شىركىتى(قىسقارتىپ ئاتىلىشى «شېنۋەن خۇڭيۈەن») شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدا ۋىۋىسكا ئاستى.
  سۈرەتتە: ئىككى شىركەتنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە پاينى بازارغا سېلىش قوڭغۇرىقىنى چالماقتا. (گېزىتىمىز ماتېرىيال سۈرىتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر