ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سانجى ئوبلاستىدا: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دېھقان- چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى چىقىش يولىغا ئىگە قىلدى

2018.10.28 17:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن لياۋ دۇڭيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگوۋ ئۆزبەك يېزىسىنىڭ ئاققاباق كەنتىگە كىرگىنىدە، يول بويىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ مەدەنىيەت تاملىرىغا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يېزىلغانىدى؛ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلاتتى، بۇ يەردە يېڭى يېزا كارتىنىسى نامايان بولغانىدى.

  مۇخبىر كەنتتىكى «ئالى» يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، دېرىزىدىن كەنت ئاھالىسى مەرەمخاننىڭ ئاپئاق خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ، ئەتراپىدىكى ئىشچىلار بىلەن بىللە ماخۇار ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 2017- يىلىدىن بۇرۇن، مەرەمخان ھەر كۈنى غەمكىن يۈرەتتى، ئېرى ئېغىر كېسەل، ئۆيدە يەنە ئىككى بالىسى بولغاچقا، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى. 2017- يىلى، مەرەمخان كەسىپ ئىشچىسى بولغاندىن كېيىن، چىرايىغا كۈلگە يۈگۈردى. ھازىر، مەرەمخان ئېيىغا 2200 يۈەن مائاش ئالىدۇ، بۇنىڭغا باشقا كىرىمىنى قوشقاندا، بىر يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. «80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بەرگەن كۆمۈرنى قالاۋاتىمەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇم بەك ياخشى!» دېدى مەرەمخان خۇشال ھالدا.

  بۇ كىچىك كەنتتە بىر يېمەكلىك زاۋۇتى بولۇپلا قالماي، يەنە سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى، كەشتىچىلىك زاۋۇتى ۋە ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئاققاباق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرى- كېيىن 1 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، قوللىشى بىلەن قۇرۇلدى. سېلىنمىنىڭ پايدىسى سۈپىتىدە، ئۈچ كارخانىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن «پايدا تەقسىملەش توختامى» ئىمزالىشى ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپى يىلىغا كىرىمىنى 65 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدىغان بولدى؛ 60قا يېقىن نامرات ئائىلە بىلەن «ئىشچى ئىشلىتىش توختامى» ئىمزالىشى ئارقىلىق ھەر بىر كىشى ھەر يىلى كىرىمىنى 24 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدىغان بولدى.

  چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىكى بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىغا كېلىپ، تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ شۇ جايدىكى ئاياللارغا يىپ ئوراش، چىگىش، مۇقىملاشتۇرۇش، رەڭگارەڭ قارماق ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بېلىق تۇتۇش سايمانلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى بوستان يېزىسى شېنجېندىن كىرگۈزگەن كارخانا بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ- كىچىك شەكىلدىكى ھەرخىل قارماقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، شۇنداقلا ھەممىسى سىرتقا سېتىلىدىكەن، شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى تەربىيەلەنگەن 105 ئايال سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلىپ ياسىيالايدىكەن، سېتىلىش يوللىرى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

  مورى سانجى ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دېھقان- چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى چىقىش يولىغا ئىگە قىلدى. ئوخشاشلا، فۇكاڭ شەھىرىدە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈمىدىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ يىل 2- ئايدا، شىنجاڭ خۇاكاڭ ئورۇ چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ كەسىپلەر رايونى تەرىپىدىن ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈلگە نۇقتىسى ۋە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ھازىر، بۇ كارخانا شۇ جايدىن 20دىن ئارتۇق نامرات ئاممىنى قوبۇل قىلدى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئەڭ يۇقىرى مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

  نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش. سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئۆزگىچە كەسىپنى توغرا تاللاش، يېڭى تىپتىكى سۇبيېكتنى يۆلەش، مەنپەئەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەپەككۇرى بويىچە، نامرات نوپۇس نىسبەتەن مەركەزلەشكەن رايوندا بىر تۈركۈم ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يۆلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  ھازىر، سانجى ئوبلاستى 36 نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان كەنتنىڭ ھەممىسىدە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىردىن ئارتۇق يېتەكچى كەسىپنىڭ بولۇشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ۋە ئارزۇسى بولغان نامرات ئاممىنىڭ ھەممىسى بىر- ئىككى تۈرلۈك ئەمەلىي تېخنىكا ئىگىلىدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر