ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاقسۇدا: ياڭاق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئەتىۋارلىق مېۋە»گە ئايلاندى

2018.10.28 17:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 22- كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىدىكى «باغۋەن» باغ- ئورمان تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قورۇسى ئادەملەرگە تولغان بولۇپ، لىق ياڭاق قاچىلانغان تاغارلار تاغدەك دۆۋىلەنگەن، ئايرىپ ساندۇققا قاچىلاش ئىشچىلىرى بۆك كىيىپ، ماسكا تاقاپ، ياڭاقنى ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ئۆزىنىڭ ياڭاقلىرىنىڭ تارازىدا تارتىلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا بېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئالغا بازىرى ئۈستىنكى خوتەن كەنتىنىڭ 38 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت شۈكۈر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياڭاقنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن خېلى ياخشى بولدى، ياڭاق تىكىپلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم.

  مەمەتنىڭ ئائىلىسى 20 مو يەرگە ياڭاق تىككەن بولۇپ، ھەر يىللىق ياڭاق ھوسۇلى تۆت توننىغا يېتىدۇ. «ياڭاقنى قاقىدىغان مەزگىلدە، قىسمەن كۆك پوستلۇق ياڭاقنىڭ كىلوگىرامىنى 3.9 يۈەندىن سېتىۋەتتىم، قالغان ياڭاقنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن كىلوگىرامىنى 22 يۈەندىن كوپىراتىپقا سېتىپ بەردىم» دېدى مەمەت، بۇ يىل ياڭاقتىن قىلغان ساپ كىرىمىملا 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق تىكىلگەن كۆلەم 1 مىليون 624 مىڭ 100 مو بولۇپ، بۇ يىل ياڭاق(قۇرۇق ياڭاق)نىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 350 مىڭ توننىدىن ئاشتى. ياڭاقنىڭ پوستى نېپىز، دانىسى چوڭ، مېغىز چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ھەريىلى كۈزدە شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ياڭاق سېتىۋالغۇچى سودىگەرنى جەلپ قىلدى، ياڭاق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئەتىۋارلىق مېۋە»گە ئايلاندى.

  بۇ يىل، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىنىڭ 120 مىڭ مو ياڭاقلىقىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ياڭاق تىككەن دېھقانلار ئاپتاپقا سېلىش، قاقلاپ قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لى پېيجۈن كۆكيار بازىرىدىكى ياڭاق ئۆستۈرگەن ئائىلە بولۇپ، بۇ يىل ئۇ 30 نەچچە مو ياڭاقلىقىدىن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، مەن ياڭاق تىكىپ بېيىدىم.

  ھازىر، كۆكيار بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ %80 كىرىمى ياڭاقتىن كېلىدۇ. دېھقانلارنىڭ ياڭاقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشى، ياخشى باھادا سېتىشى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكيار بازىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ياڭاق يېتىشتۈرۈشنى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى.

  باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى كانايمەھەللە كەنت ئاھالىسى تۇراخان تۆمۈرنىڭ ئائىلىسى ئالتە مو يەرگە ياڭاق تىككەن بولۇپ، بۇ يىل باي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ياڭاقلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. «ئائىلەمنىڭ ياڭاق ھوسۇلى 800 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە بولغاندا 16 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن، مەن ئىنتايىن رازى بولدۇم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت» دېدى تۇراخان.

  باي ناھىيەسىدە جەمئىي 100 مىڭ مو ياڭاقلىق بولۇپ، ھازىر ياڭاق يىغىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. يېقىندا، كانايمەھەللە كەنتىگە كۆپلىگەن ياڭاق سېتىۋېلىش سودىگىرى كەلدى. ياڭ جۈنۋېن گەنسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن سودىگەر، بۇ يىل ئۇنىڭ باي ناھىيەسىگە كېلىپ ياڭاق سېتىۋالغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى. ياڭ جۈنۋېن مۇنداق دېدى: باينىڭ ياڭاقلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ھەر يىلى يىغىپ ئېلىپ كەتكەن ياڭاقلىرىم پاك- پاكىز سېتىلىپ تۈگەيدۇ، بۇ يىل مەن بايدىن 500 توننا ياڭاق سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 93 مىڭ 600 توننا ياڭاق (قۇرۇق ياڭاق) سېتىلغان، سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 13 يۈەندىن 21 يۈەنگىچە بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر