ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئالتايدا: جىغاندىن «يېشىل بانكا» بەرپا قىلىندى

2018.10.28 17:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ شىخې خەۋەر قىلىدۇ: ئالتاي ۋىلايىتى كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلدى ھەم جىغان قاتارلىق كىچىك شىرنىلىك مېۋىلەر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ «يېشىل بانكىسى» قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

  2015- يىلى، قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسى كۆردالا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تالاپ ئائىلىسىنىڭ 200 مو قۇملىشىپ كەتكەن تاشلاندۇق تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھەممىسىگە جىغان ئۆستۈردى، بۇ يىل جىغانلار مېۋىگە كىرگەن ئۈچىنچى يىلى بولۇپ، كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى. جىغاننىڭ ئۆزىگە مول نەپ يارىتىپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، تالاپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: دەسلەپتە بىزگە ئۆزگىچە باغ- ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېيتقاندا، جىغان ئۆستۈرىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، ئانچە چۈشەنمىگەنىدۇق، نەچچە يىل ئىچىدىلا، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەر كۆكەردى، يەنە نۇرغۇن پۇل تاپتۇق، بۇ، يەر تېرىش ۋە چارۋا بېقىشقا قارىغاندا خاتىرجەم، كۈچنى تېجەيدىغان ئىش ئىكەن.

  دېھقان- چارۋىچىلارنى ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى دېھقان- چارۋىچىلارنى كۆچەت ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ئاساسىدا، دېھقان- چارۋىچىلارغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، باشقۇرۇش، ئۈزۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق تەربىيەلەش ئېلىپ باردى ھەم بېيىغان باغۋەنلەرنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. پۈتۈن ۋىلايەتتە جىغان كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇرچىن، قابا ۋە چىڭگىلدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدە ئۆستۈرۈلگەن جىغان كۆلىمى جەمئىي 300 مىڭ موغا يەتتى. دېھقان- چارۋىچىلار ئۆستۈرگەن جىغاننىڭ بازار تېپىشى، سېتىش يولى تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئۈچ ناھىيە يەنە جىغاننى چوڭقۇر پىششىقلايدىغان ئىلغار كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ يەرلىككە ماكانلاشتۇرۇپ، جىغان ئۆستۈرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە، ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا، چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جىغان مەھسۇلاتلىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن چوڭقۇر پىششىقلاشقىچە، بىر قاتار تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جىغان ئىچىملىكى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردىكى 30 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى، سودا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى ئالى بابا تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭ تەمىنى ئىزدەش» توردا سېتىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تەمىنى ئىزدەش. تيەنماۋ جۈخۇاسۈەن مەخسۇس مېۋىلىك بېغى چىڭگىل جىغىنى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاقدالا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. جىغان كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، تېرىقچىلىق ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + جىغان پىششىقلاش كارخانىسىدىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، توردا، تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جىغان كەسپىدىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، ئالتاي ۋىلايىتىدە، جىغان كەسپى 25 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3000دىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتتى ۋە ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ جىغان ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 270 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  جىغان كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كۆلەملىشىشى يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، بۇرچىن ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «رەڭدار بۇرچىن، قويۇق جىغان ھېسسىياتى» تېمىسىدىكى جىغان ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، زور مىقداردىكى ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ جىغان ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا، جىغاندىن مول ھوسۇل ئېلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىشكە جەلپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر