ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن خەۋىرى، فوتوسى

2018.10.26 15:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئىلنۇر توختى كەپتەرخانىدا نەسىللىك كەپتەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى كىچىك سۇپتاي كەنتىدىكى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كۆپەيتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغان ئىلنۇر توختى كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتكەچ ماڭا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بۇ كەپتەرلەرنى گۆھەر بىلىپ، ئۇلارنى «نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرى» دەپ ئاتايدۇ.

  ئىلنۇر توختى كىچىك سۇپتاي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە- سودا مەكتىپىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلىدى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ 10 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى، ئۇ 25 جۈپ نەسىللىك كەپتەر تەننەرخى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى، ئۈچ يىلدىن كېيىن تەننەرخى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. كەنتتە يەنە 45 نامرات ئائىلە ئىلنۇر توختىغا ئوخشاش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل شەكلى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدى.

  سۇپتاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۈەيچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئايلىق مائاشى 1800 يۈەن ئىكەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ باقمىچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. ئىلنۇر توختى مۇنداق دېدى: ئۆينىڭ ئالدىدىلا ئىشلىسەم، ئۆيدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيدىكەنمەن، مۇھىمى مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەمدى قۇرۇق خىيال ئەمەس.

  ئىگىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، تېخنىكىسى بارلارنى باشلامچىلىق بىلەن كەسىپنى راۋاجلاندۇرغۇزۇپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش باغلىما ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپكە تايىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، مۇتەخەسسىس ئىلنۇر توختىنىڭ كەپتەر تۇخۇمى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەر (ئوڭدا) ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ باچكا سېتىۋالماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە