ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قىش پەسلىدە پار بېرىش، يولنى راۋانلاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك ئۆسۈش بولدى

قاناستا قىش پەسىللىك ساياھەت توختاپ قالمايدىغان بولدى

2018.10.25 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، قاناسنىڭ جانلانغان تىجارەت مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن كېلەر يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، قىش پەسىللىك تىجارەت مەزگىلىگە رەسمىي كىردى. قاناس ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قاناس ساياھەت پايچىلىقى دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) دىن ئىگىلىشىمچە، قاناستا قىش پەسلىدە تاغ ئېتىۋېتىلمەيدىكەن، مەنزىرە رايونى نورمال تىجارەت قىلىۋېرىدىكەن. ساياھەتچىلەر قاناسنىڭ كۈز پەسلىدىكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان مەنزىرىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، سۈرەتتەك گۈزەل ئىپتىدائىي قارلىق مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، قاناسنىڭ قىش پەسلىدە تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولدى. قاناس ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فۇجيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، قاناستا قىش پەسلىدە پار بېرىش، يولنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتتە ماھىيەتلىك ئۆسۈش بولغان.

  بۇلتۇر قىش پەسلىدە، قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇھىت تازىلىقى چوڭ ئەترىتى، قاناس ساياھەت پايچىلىقى يول قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يول قاتنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بۆلەكلەرگە ئايرىپ قار تازىلاپ، قار توختىغان ھامان پاكىز تازىلاشنى يولغا قويغان، پۈتكۈل قىش پەسلىدە ناچار ھاۋا رايىنىڭ يولغا بىر كۈن تەسىر كۆرسەتكىنىدىن سىرت، باشقا ۋاقىتلاردا يول ھەمىشە راۋان بولغان. بۇ يىل قاناس قىش پەسىللىك ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ قار تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياتاققا كاپالەتلىك قىلغان، 3000 دىن كۆپرەك كارىۋات ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. قىسمەن ساياھەت ئورۇنلىرىدا ھاجەتخانىلار نورمال ئېچىۋېتىلگەن. يەن فۇجيا يەنە ئالاھىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: قىش پەسلىدە شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن قاناس، ئاق قابا، قۇم قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن تۆت چاقى سۆرەيدىغان دالا ئاپتوموبىلىنىڭلا مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە بولىدۇ، مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ئاپتوموبىلغا جەزمەن قىشلىق چاق ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  قاناس ساياھەت پايچىلىقىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى دىڭ يۆيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە مەنزىرە رايونى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار توختايدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قاناس ساياھەت پايچىلىقى يەنە ئالتاي، بېيتۇن، بۇرچىندا ئاپتوموبىل ھۆددىگە بېرىش ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يەن فۇجيا مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە قاناسقا كېلىپ ساياھەت قىلىشتا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ساياھەتنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى، قاناستا يەنە بەش چوڭ باش تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇلار قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى، قار- مۇز شادلىق بايرىمى− قار ئېتىش بايرىمى ۋە قاناستا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش، قىش پەسلى قار- مۇز فوتو سۈرەت مەۋسۇمى، يەككە تاختايلىق دالىدا قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى، قار- مۇز ئويمىچىلىقى تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار قىشىچە داۋاملىشىدۇ.

  قاناس ساياھەت پايچىلىقى يەنە مول قار- مۇز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قارلىق مەدەنىيەت ئارام ئېلىش تەسىراتى تۈرىنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، قاناس تەۋەلىك رايونىدا جيادېڭ جىلغىسى− قاناس «تۇمان سۆڭگىسى كارىدورى»نىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىكەن، بېلىق تاماشا سۇپىسى نورمال ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، قىش پەسلىدىمۇ قاناس كۆلىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. قاناستىن سەنداۋۋەندىكى تۇبېك كەنتىنى كېسىپ ئۆتۈش تەسىرات پائالىيىتى ساياھەتچىلەرگە قاناس كۆلىنىڭ قىش پەسلىدىكى گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ. قۇم تەۋەلىك رايونىدا قار- مۇز تەسىرات تۈرىنى مەركەز قىلىپ، قار- مۇز شادلىق باغچىسىدا قار- مۇز ئويمىچىلىقى، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، مۇز تېيىلىش، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا تېيىلىش، قار- مۇز ئويمىچىلىقى تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى تەسىس قىلىندى. جيادېڭ جىلغىسى تەۋەلىك رايونىدا قار- مۇز ئويمىچىلىقى كۆرگەزمىسى، ئايدىڭ ئاخشامدا دالىدا قونۇش، قار- مۇز چاڭغا مەيدانى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنى مول مەزمۇنلۇق قىش پەسىللىك كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ھالبۇكى، قىش پەسلىدىكى مول مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش− قاناس قىش پەسىللىك ساياھىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچىلىكى. قىز قۇۋار قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئويۇنى پائالىيىتىدىن باشقا، گۈزەل چوققا مۇھەببەت لىنىيەسى، شۈكەي بوۋاي مىللىي ئۆرپ- ئادەت لىنىيەسى، خادېن سۇپىسى مەنزىرە تاماشا لىنىيەسى، جىكىپ قار ئورمىنىدىكى چارۋىچى بوۋاي ئۆيىنى زىيارەت قىلىش لىنىيەسى ئاساسىي تېما قىلىنغان تۆت ئۆتۈشمە لىنىيە تولىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارلىق دالىدا پىيادە مېڭىش، ئات مىنىش، قارلىق دالا موتوسىكلىت مۇسابىقىسى، ئات چانىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە سەيلە قىلىش شەكلى تەمىنلەندى.

  يەن فۇجيا مۇنداق دېدى: بۇ قىش پەسلىدە، قاناسنىڭ 200 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. كېلەر يىلى يەنە قاناسنىڭ سۇ تەمىنلەش- چىقىرىش، پار بېرىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىلىپ، قاناسنىڭ تۆت پەسىللىك ساياھىتى جانلاندۇرۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىش پەسلىدە قاناسقا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قار- مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز!

  10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىلغان ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىش پەسىللىك ساياھەت خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قىش پەسىللىك ساياھەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە كەمتۈكلۈكى ۋە توسالغۇ چەكلىمىسىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئالتاينىڭ قىش پەسىللىك ساياھەت مەھسۇلات ماركىسىنى نامايان قىلىپ، ئالتاينىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتىنى «جانلاندۇرۇش» كېرەك، ئالتاينىڭ شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھىتى تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرىنچى قوشۇنىغا كىرىشىگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئالتاي ۋىلايىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتىنى ياز پەسىللىك ساياھەت بۆلىكىدىن ئاشۇرۇپ، جۇڭگوغا ۋاكالىتەن دۇنيا قىش پەسىللىك ساياھىتىگە قاتنىشىدىغان بۆلەككە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باشلامچى مەھسۇلات قىلىپ يارىتىپ، «يازدا جانلىنىش، قىشتا سۇسلىشىش»تەك ۋەزىيەتنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان