ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى ئاخىرلاشتى

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 417 مىليون يۈەنلىك سېتىۋېلىش زاكاز تالونىغا ئېرىشتى

2018.10.23 14:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 22- كۈنى، 9- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە سارىيىدا ئاخىرلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمالچى ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرنى جەلپ قىلدى، نەق مەيداندىكى سودا سوممىسى 13 مىليون 380 مىڭ يۈەنگە، سودا مىقدارى 254 توننىغا يەتتى؛ 417 مىليون يۈەنلىك، 91 مىڭ 400 توننا سېتىۋېلىش زاكاز تالونى ئىمزالاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە «گۈزەل شىنجاڭ ــــ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى» ئاساسىي تېما قىلىندى، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن 170كارخانا شىنجاڭنىڭ سەككىز چوڭ تۈردىكى 147 خىل خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئېلىپ، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى مول ۋە سۈپىتى ياخشى،«ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە» كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەشۋىق قىلىندى، تونۇشتۇرۇلدى. تەشكىلىي كومىتېت مەخسۇس «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى» تور سۇپىسى ۋە «گۈزەل شىنجاڭ ــــ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى» توردىكى يەرمەنكە يان تېلېفون تېرمىنالى پىروگراممىسىنى ئېچىپ، مەيدان سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ يەرمەنكە ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، «بىر بېكەتلىك» سېتىۋېلىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى. يەرمەنكە مەزگىلىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقان 300 دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەندى، سودا راسچوتى، ئەشيا ئوبوروتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلات تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تىجارەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى ھازىرغىچە سەككىز نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، سودا كېلىشىم سوممىسى 60 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى جانلاندۇرۇش، سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە