ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىن نامايان قىلغان مىكرو سىن فىلىمى

«شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت» دوستلارچەمبىرىكىنى قىزىتىۋەتتى

2018.10.23 14:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەتىگەندە، دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر ئۇچۇر شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ بولسىمۇ خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئىشلىگەن مىكرو سىن فىلىمى «شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت» ئىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت» خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئىشلىگەن «جۇڭگودىكى بىر مىنۇت. يەرلىك سەھىپىلەر» يۈرۈشلۈك سىن فىلىمىنىڭ بىرى ئىكەن. مىكرو سىن فىلىمى توردا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىغان.

  خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى «جۇڭگودىكى بىر مىنۇت» تۈرىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يىشۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم كۆرسىتىلگەن «شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت» ناملىق مىكرو سىن فىلىمى «بىر مىنۇت»نى ۋاقىت ئۆلچىمى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۇمانىتار قىياپىتىنى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆپ تەرەپتىن نامايان قىلغان. كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ فىلىم تېخىمۇ چىن تۇيغۇ بېرىدۇ، تېخىمۇ ئاسان ھېسسىيات ئورتاقلىقى شەكىللەندۈرىدۇ. «بىز <شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت> مىكرو سىن فىلىمى ۋە <بۇ يەر شىنجاڭ> ناملىق يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك خەۋەر ئارقىلىق سىرتقا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نەزەرىنى ئۈمىدلىك بۇ مۇنبەت تۇپراققا مەركەزلەشتۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جاڭ يىشۈەن.

  جاڭ يىشۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭگودىكى بىر مىنۇت. يەرلىك سەھىپىلەر»نىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئىشلەشكە تىيانشان تورى قاتناشقان، ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە قىسقا سىن فىلىمىنىڭ ئىجادىيەت خىزمىتى تاماملىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە ۋەتەنگە سوۋغا قىلىنغان.

  فىلىم ئىشلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان تىيانشان تورى سىن فىلىم بۆلۈمىنىڭ رېژىسسورى سۇن يۈن پۈتكەن فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىختىيارسىز كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. سۇن يۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە كوللېكتىپىمىز كۆپلەپ سانلىق مەلۇمات ۋە خام ماتېرىيال توپلاش خىزمىتىنى ئىشلەپ، 20 نەچچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇننى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئارىسىدىن بىر مىنۇتلۇق دەل جايىدا مىقدارلاشقان سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاپ چىقتى. 1600 مىنۇتقا يېقىن سىن خام ماتېرىيالى ئارىسىدىن 2 مىنۇت 30 سېكۇنتلۇق فىلىم ئىشلىدى.

  جېجياڭلىق تورداش جاڭ يەنشو فىلىمنى توردا يوللاپ تارقاتتى ھەم دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق يازدى: 9- ئايدىلا شىنجاڭغا بارغانىدىم، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ ماڭغانسېرى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى، گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ بەك كۆپلۈكىنى، مەززىلىك تائاملارنىڭ بەك كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم. بۇ قېتىمقى سەپىرىم مېنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىراتىنى ئۆزگەرتتى، شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قېلىشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە باشقا جايلاردا يوق يەرلىك ئۆرپ- ئادەتلەر بار ئىكەن.

  10- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 18 دە، كانادا تورونتو داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان قارامايلىق قىز لو جيا دۆلەت ئىچىدىكى دوستلىرى ئەۋەتكەن سىن فىلىمىنى كۆرۈۋاتقاندا، «شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت»نىڭ خەلق گېزىتىخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىكى كۆرۈلۈش- قويۇلۇش مىقدارى 7 مىليونغا يېقىنلاشتى.

  لو جيا مۇنداق دېدى: چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت ۋەتىنىمگە كۆڭۈل بۆلىمەن، يۇرتۇمغا كۆڭۈل بۆلىمەن. چەت ئەلدە تۇرغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئادەم ۋەتەننى شۇنچە سېغىنىدىكەن. سىن فىلىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى تەرەققىيات- ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى.

  ئاۋات ناھىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جيا گوۋېن بۇ سىن فىلىمىنى ھەر بىر ئەترەت ئەزاسىغا تارقاتتى. جيا گوۋېن مۇنداق دېدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر ئاممىغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلدىم. مەن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرگەندە سىن فىلىمىنى ئېچىپ كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرسىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە