ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تەكلىماكان قۇملۇقىدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى باشلاندى

2018.10.23 14:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سودا ساھەسىدىكى سەرخىللارنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى لوپنۇر ناھىيەسىدە باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 كارخانىچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان كارخانىچىلار تۆت كۈندە 108 كىلومېتىر مۇساپىنى پىيادە مېڭىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، لوپنۇر كۆلى، لوپنۇر يارداڭ چوڭ جىلغىسى بويىدىكى لىنىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى، تارىم دەرياسى ۋە ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، ئۈچ جايدا لاگېر قۇرۇپ، لاگېر گۈلخان كېچىلىكى، قۇملۇقنى سۈرەتكە تارتىش، يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. (لى فېي فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە