ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پارتىيە ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئايال قەھرىمان ۋۇ فۇليەن

2018.10.23 13:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېن خۇڭيى). فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخاڭ ناھىيەسى گۈەنجۇاڭ شېزۇ يېزىسىدا 10.1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ فۇليەننىڭ خاتىرە مۇنارى» ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ۋۇ فۇليەندىن ئىبارەت بۇ ئىنقىلابىي ئايال قەھرىماننىڭ 25 يىللىق ھاياتىدىكى تەسىرلىك، شۇنداقلا قەھرىمانلىق ھېكايىسى سانسىزلىغان ئەۋلادلارنى تەسىرلەندۈردى.

  ۋۇ فۇليەن 1912- يىلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخاڭ ناھىيەسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۇ بالىلىق دەۋرىدە مەجبۇرىي ھالدا ئاسراندى كېلىن بولۇپ، يەتكۈچە دەرد- ئەلەم تارتقان.

  1929- يىلى 3- ئايدا، قىزىل 4- جۈن شاڭخاڭنى ئازاد قىلىپ، غەربىي فۇجيەن تايانچ بازىسىنى قۇرغان، ۋۇ فۇليەن ئائىلە ئاسارىتىدىن كەسكىنلىك بىلەن قۇتۇلۇپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىتتىپاق ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1930- يىلىدىن باشلاپ، ۋۇ فۇليەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخاڭ گۇەنجۇاڭ رايونلۇق كومىتېتى، شاڭخاڭ ناھىيەلىك پارتكوم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجيەن- گۇاڭدۇڭ- جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومدا خىزمەت قىلغان، رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە رايونلۇق سوۋېت ھۆكۈمىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم ئاياللار بۆلۈمىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغان. 1933- يىلى 4- ئايدا، ۋۇ فۇليەن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىگە ئۆگىنىشكە بارغان، ئۆگىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فۇجيەن- گۇاڭدۇڭ- جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1934- يىلى 10- ئايدا، ۋۇ فۇليەن قىزىل 1- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، قىزىل ئارمىيە دالا ئۇرۇش دوختۇرخانىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 1935- يىلى 6- ئايدا، قىزىل 1- ، 4- يۆنىلىش ئارمىيەلىرى سىچۈەننىڭ ماۋگۇڭدا ئۇچراشقان. 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ۋۇ فۇليەن قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە يۆتكىلىپ، ئاياللار مۇستەقىل تۈەنى 1- تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان، قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ قارلىق تاغ، ئوتلاقتىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن. 1936- يىلى 7- ئايدا، ۋۇ فۇليەن قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسى ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

  1936- يىلى 10- ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى گەنسۇنىڭ خۇينىڭدا ئۇچراشقان. مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسى قوشۇننى بۆلۈپ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى تەشكىللەپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىگە ئۆتۈپ، نىڭشيا ئۇرۇشى پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن، ۋۇ فۇليەن قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

  10- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەربكە يۈرۈش قىلغان. غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى قىسىملىرى خېشى كارىدورىدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ گومىنداڭنىڭ ما بۇفاڭ، ما بۇچىڭ، ما خۇڭكۇي قاتارلىق مىلىتارىستلار قوشۇنىنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كۆپرەك قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ھەم ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنى دۈشمەنگە زور تالاپەت يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئۆزىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

  1937- يىلى 3- ئايدا، ۋۇ فۇليەن تۈەنجاڭ ۋاڭ چۈەنيۈەن بىلەن بىرلىكتە بۇيرۇققا بىنائەن ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنىنى باشلاپ ئەرەنچە ياساندۇرۇپ، قىزىل 30- جۈن 88- شى 268- تۈەننىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىپ، 268- تۈەن ئىستىھكامىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاساسىي كۈچنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشىنى ھىمايە قىلغان. ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنى گەنسۇ لىنزېنىڭ جەنۇبىدىكى لىيۈەنپۇ ئەتراپىدا دۈشمەن بىلەن ئۈچ كېچە- كۈندۈز قانلىق جەڭ قىلىپ، ئاساسىي كۈچنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاياللار ئاۋانگارت تۈەنى چىليەنشەن تېغى ئارىسىدا دۈشمەنلەر بىلەن نەچچە كۈن جەڭ قىلىپ، 4- ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان. ۋۇ فۇليەن بىلەن تۈەنجاڭ ۋاڭ چۈەنيۈەن پۈتۈن تۈەنگە قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن ئارمىيەسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان، ئاخىرى دۈشمەن كۆپ، ئۆزلىرى ئاز بولغانلىقتىن، قىسىم تارمار قىلىنغان. ۋۇ فۇليەن بىلەن بىر نەچچە جەڭچى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققاندىن كېيىن تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە نەچچە ئاي بەرداشلىق بەرگەن، كېيىن بەختكە قارشى تاغ چارلاۋاتقان دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

  ۋۇ فۇليەن يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ مەنسەپ- پايدا بىلەن ئازدۇرۇشىغا قىلچە پىسەنت قىلمىغان. دۈشمەنلەر يەنە ياۋۇزلۇق بىلەن قىلىچىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا زورلىغان، ۋۇ فۇليەن ئۆلۈمگە قىلچە پىسەنت قىلماي، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئىنقىلابچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇربان بولۇشنى ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ بولغانمەن». دۈشمەن ئامال قىلالماي، ئۇنى ۋۇۋېي تۈرمىسىگە قاماپ، ۋەھشىيلەرچە قىيناش ئارقىلىق باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنغان. دۈشمەننىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن قىيىن- قىستاققا ئېلىشى ئالدىدا، ۋۇ فۇليەن ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرىشى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۇ شۇ يىلى ئاران 25 ياشتا ئىدى.

  قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ فۇليەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ فۇليەننى ھەمدە پۈتۈن يېزىدىكى 342ئىنقىلابىي قۇرباننى بىر يەرگە دەپنە قىلدى ھەم «ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ فۇليەن خاتىرە مۇنارى»نى ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋۇ فۇلىيەننىڭ كونا تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ، شۇ جايدىكى قىزىل تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر يىلى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوقۇغۇچىلارنى تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، قىزىل مەدەنىيەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە