ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

ئابلەت مەمەت

2018.10.22 13:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: مەدەنىيەت − دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، مەدەنىيەت مەسىلىسىدە، «ئۈچ خىل كۈچ» مەدەنىيەت پەرقىنى كۈچەپ مۇبالىغە قىلىپ، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەنزۇ مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق»، «ئىسلام مەدەنىيىتىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى» دەپ تەرغىب قىلىپ، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇسلاشتۇردى. بۇنىڭغا قارىتا، چوقۇم ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى نۇقتىسىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى شەرھلەش كېرەك، بۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى تومۇرداش، زىچ باغلىنىشلىق، تارىختىن بۇيان يۇغۇرۇلغان

  شىنجاڭ رايونى تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە- يوسۇن تۈزۈمى، كىتابلىرى، مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. ھازىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ساپان، ئوتىغۇچ، چاناق قاتارلىقلارنىڭ شەكىل ۋە تۈزۈلۈشى يېغىلىق دەۋرىدە كەشىپ قىلىنىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسىدە ياخشىلانغان ۋە تەدرىجىي كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باربىت، چياڭ نېيى قاتارلىق چالغۇلار غەربىي يۇرتتىن ياكى غەربىي يۇرت ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. تاڭ سۇلالىسىدىكى ئون نەغمە ئىچىدە، غەربىي لياڭ نەغمىسى، كۈسەن نەغمىسى، ھىندىستان نەغمىسى، بۇخارا نەغمىسى، سۇلى نەغمىسى، قۇچۇ نەغمىسى، سەمەرقەند نەغمىسىدىن ئىبارەت يەتتە نەغمە غەربىي يۇرتتىن كەلگەن، خۇلارنىڭ قۇيۇن ئۇسسۇلى، خۇلارنىڭ سەكرىمە ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئوردىدا ئەۋج ئالغان، چاڭئەن شەھىرىدە «غەربىي يۇرت ئۇسلۇبى» بىر مەھەل ئەۋج ئالغان. چېگرا رايون شائىرى سېن شېن شېئىرىدا «گۈل قوۋۇق سانغۇنى ناخشا ئېيتار خۇچە كارامەت، ۋاسسال بېگى سۆزلىشەر خەنزۇچىدا ئالامەت» دەپ يېزىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ تەڭ قوللىنىلغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە، مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى، كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ كۇچادىكى كۈسەن نەغمىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تونۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى ئوردا زىياپەت مۇزىكىسىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان. قۇچۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلىرى كەييۈەننىڭ 7- يىلى تۈزۈلگەن كالېندارنى 10- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ئىشلەتكەن. سۇڭ، لياۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» قاتارلىق كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن. لياۋ سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، قىتانلارنىڭ بىر قىسمى غەربكە يۈرۈش قىلىپ قاراخانىيلار خانلىقىنى بويسۇندۇرغان، ئۇلار قۇرغان غەربىي لياۋ ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى تارقىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ياشاپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن، قوللانغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، ئاماننىساخان ۋە مۇقام ئۇستازى قىدىرخان قاتارلىقلار رەتلىگەن «ئون ئىككى مۇقام»، ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قەھرىمانلىق داستانى «جاڭغىر» تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ھەمدە ئىسلام شەرىئىتىنى دەھشەتلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ يولغا قويۇشى، غەرب مۇستەملىكىچىلىكى ۋە جاھانگىرلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. 1884- يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، جايلاردا مائارىپ يولغا قويۇلۇپ، مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قايتا قۇرۇلۇپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى جەريانىدا يېڭى كۈچكە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېقىمىغا قايتا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، شىنخەي ئىنقىلابى، 4- ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابى كۈرىشىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ رايونىدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىپ، ماركسىزم كەڭ تارقىلىپ، ھەر مىللەت خەلق مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپلىگەن خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ، يىغىپ، رەتلەپ، تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى مىسلىسىز گۈللىنىش- تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولغان. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن تومۇرداش، زىچ باغلىنىشلىق. زىچ يۇغۇرۇلغاندا گۈللىنىپ جۇلالانغان، يۇغۇرۇلۇشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا سۇسلىشىپ خىرەلەشكەن. شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭگودىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغاندىلا، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ساقلىيالايدۇ.

  ئىككىنچى، شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان

  شىنجاڭ رايونى تارىختا ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆتىڭى بولۇپ، قەدىمكى شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان «يىپەك يولى» مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا، شىنجاڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇلىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان جۇلالىق سەھنە بولغان، شۇنداقلا يەنە دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىگە ئايلانغان. قىرغىزلارنىڭ «ماناس»، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» قاتارلىق تارىخىي داستانلىرى شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، زاڭزۇلارنىڭ «گېسار» داستانى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۈچ تارىخىي داستانى، دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئون ئىككى مۇقامى» دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ»، قازاقلارنىڭ «ئايتىشىش»، قىرغىزلارنىڭ «قۇمۇز ئېيتىشىشى»، موڭغۇللارنىڭ «نادام يىغىلىشى»، شىبەلەرنىڭ «غەربكە كۆچۈش بايرىمى»، خەنزۇلارنىڭ «يۈەنشياۋ پانۇس بايرىمى» قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرى نادىرلىقى بىلەن بەس- بەستە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. يەنە «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈلباغ»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق نادىر ناخشىلار چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالدى؛ «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىنولار مەملىكەت مىقياسىدا ھەممىگە تونۇلدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ رايونىنىڭ پىلە باقمىچىلىقى ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى كاتتا ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. شىنجاڭ رايونىدىكى سۇچىلىق- سۇغىرىش قۇرۇلۇشى بولغان كارىز تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشقان، شۇڭا مىللەتلەر ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ كەلگەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى داۋامىدا شەكىللەنگەن

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تۇپرىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغرىدىن ئايرىلسا، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ دەسلەپتە شىمالىي چۆللۈك مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ھەمدە مانى دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، باشتىن تارتىپلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن» ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دىنىي ئېتىقاد، ئائىلە ئېتىكىسى، ئەدەبىيات- سەنئەت، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ، كۇڭزى تەلىماتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، كۇڭزىچىلار مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئارغۇن سالى بۇددا تەلىماتىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەنە كۇڭزى تەلىماتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىزۇ خانىغا «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا كۇڭزىچىلىق ئۇسۇلىنى قوللانماي بولمايدۇ» دەپ تەكلىپ بەرگەن؛ ئەدىب كۈن سىۋېنچ قايا، سەيدۇللا قاتارلىقلار كۇڭزىچىلار مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن، يۇقىرى خەنزۇ تىلى مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى كاتتىلار ھېسابلىنىدۇ؛ ئاگرونوم لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق- پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن داڭلىق ئەسىرى بار؛ تىلشۇناس تاتاتۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساسەن موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، ۋەھاكازالار، بۇلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدىغان، خەنزۇ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە سەل قارايدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىغا قويىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كەمچىل بولغان ئاشۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى خاتا، ئۇلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى

  مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى ئېتىراپ قىلىشتۇر. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىلا، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى پارلاق نۇر چاچىدۇ. مەسىلەن، تارىختا، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رەھىمدىل بولۇش، خەلقنى ئاساس قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، دىيالېكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ سىڭدۈرگەن، تولۇق قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. تاڭ، سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا «بۈيۈك بىرلىكى» سىياسىي ئەندىزىسى ۋە «يىپەك يولى»نىڭ ئېچىۋېتىش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. ئەمما، غەرب ۋە چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە، ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھە دەپ چەتكە قېقىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى جاھالەت مەزگىلىگە باشلاپ كىرگەن. ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، گۈللىنىش ۋە راۋاجلىنىشتا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئانا تېنىدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، جەزمەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنى يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جەزمەن تار، بېكىنمە نۇقتىئىنەزەرنى تۈگىتىپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان روھىي ھالەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش، ئېچىۋېتىش، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلىققا ئاڭلىق سىڭىشىش؛ جەزمەن قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم تارىخنى ئاساس قىلىش، ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەم رېئاللىقنى مەۋقە قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش؛ ھەم مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل گېنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋرگە خاس مەزمۇن ئاتا قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، زامانىۋىلىشىشقا يۈرۈش قىلىش كېرەك. تىل- يېزىق مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى، تىل- يېزىقنى ئۆزئارا ئۆگەنگەن، ئۆزئارا بىلگەندىلا، ئاندىن مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بارغانسېرى دۇنياغا يۈزلىنىپ، خەنزۇ تىلى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى بەلگىسىگە ئايلاندى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەدەنىيەت مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، زامانىۋى جەمئىيەتكە سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (ئاپتور شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دوتسېنت)

  («نۇر گېزىتى»نىڭ 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى سانىنىڭ 4- بېتىگە بېسىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان