ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يۇقىرى كاربونلۇق بايلىق تۆۋەن كاربونلۇق بايلىققا ئايلاندى

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭى ماتېرىيال كەسىپ بازىسى بەرپا قىلدى

2018.10.20 17:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: باشقىلارنىڭ نەزەرىدە كېرەكسىز داشقال بولغان كۆمۈر كۈلى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن «شايۈەن» يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋشىنگاڭنىڭ نەزەرىدە «گۆھەر» ھېسابلىنىدۇ. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، مەن بۇ شىركەتنىڭ كۆمۈر كۈلى، سېمونت، ھاك، گەج قاتارلىقلارنى ئاساسلىق خام ماتېرىيال قىلىپ، پىرېسلانغان گازلىق بېتون تاختا ئىشلەپچىقارغانلىقىنى، بۇلارنىڭ خۇددى مومىنى دۈملەپ پىشۇرغاندەك، ئون سائەتلىك «خېمىر يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، كېسىپ پارچىلاش، پىرېسلاش»تىن كېيىن، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ـــ پىرېسلانغان گازلىق بېتون تاختىغا ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم.

  جاۋ شىنگاڭ: پىرېسلانغان گازلىق بېتون تاختا ئوتقا چىداملىقلىقى ياخشى بولۇش، ئاۋاز توسۇش، ئىسسىقلىق توسۇش، ھارارەتنى ساقلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بازار ئىستىقبالى پارلاق، دېدى. ھازىر، بۇ كارخانا يەنە كۆمۈر كۈلىدىن پايدىلىنىپ، پول چاقچۇق، ئۆي جاھازلىرى ماتېرىياللىرى ۋە ئۆزگىچە ئوغۇت قاتارلىق ئالاقىدار يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر مېتاللورگىيە كەسىپلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەمدىن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە ھاسىل بولغان كۆمۈر كۈلى، داشقال ۋە گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈلگەن گەج قاتارلىق سانائەت داشقاللىرىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى تام ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى بېزەكچىلىكى قاتارلىق قۇرۇلۇش يېڭى ماتېرىياللىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەۋرىي پايدىلىنىش، «تولۇق پايدىلىنىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھازىرقى يىلىغا ھاسىل بولغان 2 مىليون 500 مىڭ توننا قاتتىق كېرەكسىز بايلىقنىڭ ھەممىسىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلانغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات رايونى گوتەي شىنخۇا كەسىپ تۈرلىرىگە تايىنىپ، دىلۇن، ئارىلاشما تالالىق توقۇلما قاتارلىق خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى كېڭەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات رايونىنى چوڭ تىپتىكى كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللار كەسىپ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى كاربونلۇق بايلىقنى تۆۋەن كاربونلۇق بايلىققا ئايلاندۇرغان.

  يېقىندا شىنجاڭ تەنگۇ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ باغلاملىق كاربون تالاسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرىگە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۇل سېلىندى. بۇ تۈرگە جەمئىي 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 12 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، شۇ چاغدا، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىنجاڭدىكى مۇھىم كاربون تالاسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ.

  شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېڭ شيەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرەققىيات رايونى كەسىپلەر ئىجازىتى، مۇھىت ئىجازىتى شەرتى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى بويىچە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، تەرەققىيات رايونى مەۋقەنى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر مېتاللورگىيە كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپ ئاساسى ۋە رايون مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز بولۇشىنى، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتكە ئىگە بولۇشىنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى ماتېرىيال كەسىپ بازىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، يېشىل بولۇش ئارقىلىق قەد كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى