ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو نېفىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشقا ياردەم بەردى

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 50 مىڭ قولاي دۇكانغا ھەقسىز كىرگۈزۈلدى

2018.10.20 17:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت- خىمىيەسى، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ پارچە سېتىش يوللىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 9- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە جۇڭگو نېفىتى كوئېنلۇن خاۋكې چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى يىجيې سېتىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى سېتىش ۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى (بازارغا كىرگۈزۈش ھەققى، سىزىقلىق كود ھەققى، دۇكانغا سېلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جۇڭگو نېفىتىنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدىكى 19 مىڭ كوئېنلۇن خاۋكې قولاي دۇكىنى، 30 مىڭغا يېقىن جۇڭگو نېفىت- خىمىيەسى يىجيې قولاي دۇكىنى ۋە جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 3000 ھەمكارلاشقۇچى تاللا بازىرىغا، تيەنيى چىقىمدانى بار بولغان مەخسۇس پوكەيلىك تىجارەت زالى، دۇكىنى ۋە تيەنيى چىقىمدانىنىڭ توردا سېتىش تورىغا ھەقسىز كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ھۆل- قۇرۇق مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ئاشخانا يېمەكلىكلىرىنى سېتىش، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدىكەن، جۇڭگو نېفىتى كوئېنلۇن خاۋكې چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانا مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش يوللىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن ھەم مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھەمكارلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات ئېچىش، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش، تور جەھەتتىن قوللاش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ھەمكارلىشىپ، بازارنى ئورتاق ئېچىپ، بازار تىجارىتى پائالىيىتىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى