ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%6.7ئاشتى

2018.10.20 16:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ لۇ، چېن ۋېيۋېي). دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 65 تىرىليون 89 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، 1- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8، 2- پەسىلدە %6.7، 3- پەسىلدە %6.5 ئاشقان.

  ئىشلەپچىقىرىشتىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئەمەلىي ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكى، ئىجارىگە ئېلىش- ئىجارىگە بېرىش ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %37.5 ۋە %10.8 ئاشقان.

  ئېھتىياجدىن قارىغاندا، بازاردا سېتىلىش سىجىل ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئاستىلاش ئاساسىدا مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، 1- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدە بولغان. 9- ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ 31 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر- بازارلىرىدىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.7 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 35 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %8.8 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %6.6 ئەمەلىي ئاشقان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالالىشىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى يەنىمۇ كۈچەيگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2- كەسىپنىڭكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %78 بولۇپ، كاپىتالنىڭ شەكىللىنىش ئومۇمىي سوممىسىدىن 46.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ، يېڭى قۇۋۋەت تېز يېتىلگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشىلىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى سىجىل ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تاشقى خىرىس، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى روشەن كۆپىيىپ، دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تولغاق مەزگىل داۋاملىق نامايان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئاستىلاپ، چېكىنىش بېسىمى ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى