ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھاياتى

2018.10.19 20:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    1981- يىلى 8- ئايدا، ئىسمائىل ئەھمەد قاتارلىق يولداشلار يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۇڭفېڭ گۇڭشېسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ھەمراھ بولغاندا چۈشكەن ئوپچە سۈرەت. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گۇاڭكۇەن فوتوسى)
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 11دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 84 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد، ئۇيغۇر، شىنجاڭ چىرادىن، 1935- يىلى 9- ئايدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق دەۋرىدە ئىلغار ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەرەققىيپەرۋەرلىككە پائال ئىنتىلگەن. 1952- يىلىدىن 1954- يىلىغىچە، دەسلەپتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يەر ئىسلاھاتى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان، كېيىن چىرا ناھىيەسىدە ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان، يەر ئىسلاھاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىزمەت نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان، ئارىلىقتا 1953- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1954- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە، شىنجاڭ چىرا ناھىيەسى 4- رايون ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1956- يىلىدىن 1963- يىلىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىرا ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان(ئارىلىقتا 1960- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئالىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان). 1963- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1966- يىلىدىن 1967- يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەدەنىيەت- مائارىپ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1967- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا زەربىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۇ يەنىلا پارتىيەگە قەتئىي ئىشەنگەن، خەلققە قەتئىي ئىشەنگەن. 1969- يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەدەنىيەت- مائارىپ- سەھىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى(شۇ چاغدا 1- شۇجى تەسىس قىلىنغان)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، يولداش ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى سىياسەت تەشۋىقات- تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىغا ئاساسەن، قەتئىي بوشاشماي سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى زور كۆپ قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، تاشقى جەھەتتە ياپونىيە ۋە غەربىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. ئۇ خەلقنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە تۈرلۈك مەخسۇس كەسپىي خادىملارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان.

  1986- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە، يولداش ئىسمائىل ئەھمەد دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1988- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1993- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1998- يىلى 3- ئايدىن 2003- يىلى 3- ئايغىچە، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئارىلىقتا يەنە قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو خەلقئارا ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن مېيىپلەر خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، يېڭى مەزگىلدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللىي سىياسەت قانۇن- نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنەرلىك، نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلەتتى، ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارغا چوڭقۇر مېھرى بار ئىدى، دائىم مىللىي رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئۇ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىپ، نۇرغۇن ئىجادىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1987- يىلى، مەملىكەتلىك چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولغان، يىغىندا «چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىش، ئوت- چۆپ كەسپىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش»تەك چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمىتى فاڭجېنى بېكىتىلگەن. 1988- يىلى، 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولغان. 1992- يىلى، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن، يىغىندا ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنى دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يادروسى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكىتلەنگەن، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت، فاڭجېنى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلىرى بېكىتىلگەن، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. دۆلەت كومىسسارى بولغان مەزگىلدە، ئۇ يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مىللەتلەر، دىن، خەلق ئىشلىرى جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى، شەھەر مەھەللە قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولغان، نەپىقە بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەلئارا تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان، چېگرا تەكشۈرۈش- ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا تۈرتكە بولغان، مېيىپلەر ئىشلىرى، ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان، يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  2003- يىلى 3- ئايدا، يولداش ئىسمائىل ئەھمەد مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، شۇ ئايدىن باشلاپ مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ ھەر مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتى باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ قوغداپ، مىللىي رايونلارغا ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتقان. 2006- يىلى، ئۇ ئۆمەك باشلاپ ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان، بۇ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق قانۇن ئىجراسىنىڭ تەكشۈرۈلۇشى. ئۇ خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، باشتىن- ئاخىر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەن، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەركەزلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن چەت ئەل پارلامېنتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئىراننىڭ تېھراندا ئېچىلغان ئاسىيا پارلامېنت تىنچلىق جەمئىيىتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان، سېيشېل، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە، لىتۋا، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا، ئومان قاتارلىق دۆلەتلەردە دوستانە زىيارەتتە بولغان، كۆپ قېتىم چەت ئەلنىڭ پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە خەلقئارادىكى دوستانە زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن، تاشقى ئالاقىدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىچكى- تاشقى سىياسىتىنى چۈشىنىشى ھەم ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئالاقىسىنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد ئىلگىرى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو- مىسىر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، كۆپ قېتىم دۆلەت رەئىسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە مۇھىم تاشقى ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. ئۇ يەنە ئىلگىرى جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باشلىقى بولغان.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلغان، بولۇپمۇ مىللەتلەر خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان- تېررورچى كۈچلەرگە ھەم ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان، ئۈرۈمچىدە «5- ئىيۇل» ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇش، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش، شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ئىتتىپاق، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشقا چاقىرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 10- ، 11- ، 12- ، 13- ، 14- ، 15- ، 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك 5- ، 6- ، 7- ، 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلانغان.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد ھاياتىدا بوشاشماي ھەقىقەت ئىزدىگەن، كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولغان. ئۇ ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغان. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى قەتئىي، كەسكىن قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە تۆھپە قوشقان. ئۇ مۇستەھكەم پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىغا ئىگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىينى تەكىتلەپ، ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەقىقىي ھالدا پارتىيەگە سادىق بولغان، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېگەن، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان. ئۇ ئۆمۈر بويى جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلىغان. ئۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدىغان، سەگەك تەپەككۇر قىلىدىغان، سادىق- دىلكەش، ئىستىلى دۇرۇس، ساپ دىل، پاك- دىيانەتلىك، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئاسرايدىغان بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئىززەتلىشىگە ئېرىشكەن، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە بولغان.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم ئالىي غايىسى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يولداش ئىسمائىل ئەھمەد مەڭگۈ ھايات!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)
    2017- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
    سۈرەتتە: يولداش شى جىنپىڭ يولداش ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
    1996- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، مەملىكەتلىك 8- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.
    سۈرەتتە: يولداش جياڭ زېمىن يولداش ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى)
    2010- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
    سۈرەتتە: يولداش خۇ جىنتاۋ يولداش ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
    يولداش ئىسمائىل ئەھمەد شىنجاڭ تۇرپان ناھىيەسىدە ئەمگەك ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا گۇڭشې ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت) (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ باڭ فوتوسى)
    9991- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، يولداش ئىسمائىل ئەھمەد يۈننەن كۇنمىڭدا تايلاند باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن 7- نۆۋەتلىك يىراق شەرق ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن جۇڭگو مېيىپ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىدىن ھال سورىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چاڭشەن فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر