ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايلى

− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

2018.10.18 16:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ ئارقىمىزغا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى كۆزلەپ پۇختا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى، بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز جاۋاب بەرگۈچى، خەلق تەكشۈرگۈچى. بىر يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى ساقلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇشقۇن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىدە يارقىن نۇقتىلار ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى... بۇ قالتىس جاۋاب ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار ئۈزۈلمەيۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتكۈل ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلىگەنلىكى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ پەۋقۇلئاددە بىر يىلنى ئەسلەپ، يېڭى كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا تولۇق ئىشەنچ ۋە كۈچكە تولىمىز.

  ئۇلۇغ ئىشلار ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكىگە موھتاج. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن روھ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. بىر يىلدىن بۇيان، زاۋۇت، كارخانىلاردىن ئورگان، مەھەللىلەرگىچە، ئاۋات مەركىزىي شەھەرلەردىن چەت، يىراق يېزا- كەنتلەرگىچە، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ قايناق ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىدىيەۋى كۈچ قوشتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىكى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرىكەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تېما چىقىرىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات يەلكەن تارتىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر كەينى- كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىغا 40 يىل بولغان تارىخىي نۇقتىدا، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى. ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى قەرەلى يوق. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىش زۆرۈر. ھەم ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يول ئاچىدىغان زور تەدبىر، ھەم ئەستايىدىل، تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «ئىنچىكە سىزما رەسىم» بولۇشى كېرەك، ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پىشىپ كامالەتكە يېتىشىدىكى سىياسىي شىفىرى، شۇنداقلا دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، تىنىۋېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولساق بولمايدۇ». بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكىچە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئەمەلىي تۇتۇشتىن «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ زەربە بېرىشنى بوشاشتۇرماسلىققىچە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسنى داۋاملىق يوقىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلساقلا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى جەزمەن مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

  ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايلى. «بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار، شۇنداقلا ناھايىتى ئاددىي، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، بارلىق جۇڭگولۇقنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت». جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلساقلا، چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر