ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.15 14:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق سىياسىي كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ئورگىنى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئېشىش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق سىياسىي كېڭىشى سىياسىي تەشكىلات، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك قاپلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قاتتىق ئىنتىزام بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پارتكوم خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلىشى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى