ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەقىقىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2018.10.15 13:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىدا، چېن چۈەنگو يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ ھەر قايسى باشقارما، ئىشخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش سېپى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭنى نازارەت قىلىپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بۇرچ شەرەپلىك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ھەممە بىر مەقسەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، تونۇش تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئوبيېكت تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق پەرقلەندۈرۈش، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆلەش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ۋەزىپە تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. پائال تەشەببۇسكار بولۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداپ، 2020- يىلى ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زىيادە نامراتلىقنى تۈگىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۆلچەم تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپى بويىچە، ھەم ئالدىراقسانلىق، قاراملىق قىلماي، پاسسىپلىق بىلەن ئاقسىتىپ قويماي، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرى قويماي، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك، سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، يول تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامراتلىق قاتتىق ئۆتكىلىدىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆسۈپ ئۆتۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرمۇ كەنت، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، مەبلەغ تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. خامچوتنى ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر پۇڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى نامرات ئائىلىلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ «قان ئىشلەش ئىقتىدارى»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يەتتىنچى، كەيپىيات تېخىمۇ دۇرۇس بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ مەخسۇس كۆزىتىشىنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، قائىدىنى چىڭىتىپ، نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىستېرېئولۇق، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سارقىت ئاقان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى